Uyghur主要词典
يورۇق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. كۈن نۇرى يەنى ئاپتاپ چۈشۈپ تۇرىدىغان، قاراڭغۇ ئەمەس.
يورۇق ئۆي.
ئى. نۇر، ئاپتاپ، ئاپتاپلىق ھالەت.
يورۇق چۈشمەك. تاڭ يورۇقى.
ئۆچەر چىراغنىڭ يورۇقى يوق (ماقال).
سۈپ. كۆچمە. بەختلىك، شادلىق، ھۆر.
يورۇق دۇنيا. يورۇق ئالەم. يورۇق كۈن.
سۈپ. كۆچمە. روشەن، نۇرلۇق.
ئىشلىگەننىڭ يۈزى يورۇق، ئىشلىمىگەننىڭ يۈزى چورۇق (ماقال).
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
نۇر، يورۇقلۇق؛ ئوچۇق - يورۇق كىشى. قەدىمك ئۇيغۇرلار قوللانغان ئىسىم.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
(ئۇيغۇرچە)
نۇر، يورۇقلۇق؛ ئوچۇق-يورۇق كىشى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
نۇر، يورۇق.