—参考资料
رەڭلىك ساپال
جۇڭگودىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى
شەنشى ئۆلكىسىنىڭ لىنتۇڭ ناھىيىسىدىكى جياڭجەي خارابىسىدىن بىر دانە سۇس قىزىل رەڭلىك ساپال داس قېزىۋېلىنغان، ئۇنىڭ شەكلى ئاددىي، تېيىز، تۈۋى يۇمىلاق، ئىچ دىۋارىغا سۇ ئۈزۈۋاتقان بىر بېلىق بېزەلگەن ۋە بىرئاز شەكلى ئۆزگەرگەن ئادەم يۈزىنىڭ رەسىمى سىزىلغان، رەسىمنىڭ سىزىلىشى ئاددىي، جانلىق بولۇپ، ئىپتىدائىي سەنئەتنىڭ ئاددىي گۈزەللىكى نامايان قىلىنغان، ئۇ رەڭلىك ساپاللار ئىچىدىكى ئېسىل بۇيۇم.
رەڭلىك ساپال جۇڭگونىڭ يېڭى تاش قورال دەۋرىدىكى ياڭشاۋ مەدەنىيىتىنىڭ ۋەكىلى، شۇڭا ياڭشاۋ مەدەنىيىتى رەڭلىك ساپال مەدەنىيىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. رەڭلىك ساپالدىكى رەسىملەر شۇ دەۋردىكى كىشىلەرنىڭ رەسساملىق سەنئەت سەۋىيىسىنى ئەكس ئەتتۈرگەن؛ ياسىلىشىنىڭ چىرايلىقلىقى ئەينى ۋاقىتتىكى قول ھۈنەرۋەنچىلىكنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. رەڭلىك ساپال رەسىملىرىنىڭ بەدىئىي تۈزۈلۈشى نەپىس، سىزىلىشى چىرايلىق، تۈرى كۆپ بولۇپ، ئاساسلىقى ھايۋانات سۈرەتلىرى، مەسىلەن، بېلىق، پاقا، قۇش سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن، يەنە بىر قىسىملىرىدا ئادەمنىڭ يۈز سۈرىتىمۇ بار، ئۇنىڭ ئىچىدە بېلىق سۈرىتى ئەڭ كۆپ ئۇچرايدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بېلىقنىڭ خەنزۇ تىلىدا كۆپىيىپ نەسىل قالدۇرۇش دېگەن مەنىسى بار ئىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ خىلدىكى رەسىملەرگە ئىپتىدائىي ئادەملەرنىڭ توتېمغا چوقۇنۇشى ۋە ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي تۇرمۇشىغا زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. رەڭلىك ساپالدا يەنە بىر خىل بېزەك رەسىملەر بار، يەنى يۇمىلاق چېكىت، تۈز سىزىق، ئۈچ بۇلۇڭ، ئەگرى سىزىق قاتارلىقلار، بۇلارمۇ ئادەتتە مۇئەييەن مەنىگە ئىگە.
رەڭلىك ساپالدا ئىپتىدائىي جەمئىيەتتىكى ئىقتىسادىي تۇرمۇش، مەدەنىيەت تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، يەنە ئىپتىدائىي كىشىلەرنىڭ ئېستېتىك ئېڭى ۋە ئىپتىدائىي دىن ئېڭى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.