Uyghur→Chinese主要词典
كارېي
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
卡雷〈罗〉
kǎ léi 〈luó 〉
دۇنيا تارىخى
凯里
kǎi lǐ
(1793 - 1879) ئامېرىكىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى چاكىنا ئىقتىسادشۇناسى. فلادېلفىيىدىكى باي سودىگەر ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. سىستېمىلىق تەربىيە ئالمىغان. 1817 - 1835 - يىللىرى ئاتىسىنىڭ مۈلكىگە مىراسلىق قىلىپ، نەشرىيات ئىشلىرىنى باشقۇرغان. 1835 - يىلى سودىگەرچىلىكتىن ۋاز كېچىپ، ئىقتىسادشۇناسلىقنى مەخسۇس تەتقىق قىلغان. دەسلەپتە ئەركىن سودىنى تەشەببۇس قىلغان، كېيىن قوغدىنىش چېگرا بېجىنى ھىمايە قىلغان، ئەمما يەنىلا ھۆكۈمەتنىڭ سودا - سانائەتكە نىسبەتەن ئارىلاشماسلىق سىياسىتى قوللىنىشنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇ، قىممەت تەكرار ئىشلەپچىقىرىش خىراجىتىنى بەلگىلەيدۇ، ئىجتىمائىي ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، مەھسۇلات ۋە كاپىتالنىڭ قىممىتى تۆۋەنلەيدۇ، ئەمگەك دارامىتى بىلەن كاپىتال تاپاۋىتى بىرلا ۋاقىتتا كۆپىيىدۇ، لېكىن كاپىتال تاپاۋىتى نىسپىي ھالدا كېمىيىدۇ، دەپ قارىغان؛ رىكارددونىڭ يەر ئىجارىسىدىكى كاپىتالنىڭ كۆپىيىپ بېرىش قانۇنىغا قارشى تۇرۇپ، يەرنى كاپىتال، يەر ئىجارىسىنى ئۆسۈم دەپ قاراپ، كاپىتال بىلەن ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىلىرى ھەققىدىكى ئۇقۇمنى ئارىلاشتۇرۇپ، كاپىتالىزمنىڭ ئانتاگونىيىلىك زىددىيەتنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنغان. سىنىپىي مۇرەسسەچىلىك نەزەرىيىسىنى تەرغىپ قىلغان. مالتۇسنىڭ نوپۇس نەزەرىيىسىگە قارشى تۇرغان. كانت ۋە سپېنسېرنىڭ ئىجتىمائىي تەلىماتىغا ۋارىسلىق قىلغان ھەمدە ئۇنى راۋاجلاندۇرغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن <سىياسىي ئىقتىساد قائىدىسى>، <بۇرۇن، ھازىر، كەلگۈسى>، <ئىجتىمائىي پەن قائىدىسى> قاتارلىقلار بار.