Chinese→Uyghur主要词典
基督教史学
دۇنيا تارىخى
خرىستىئان تارىخشۇناسلىقى
تارىخنى خرىستىئان ئىلاھىيەت قارشى بىلەن چۈشەندۈرىدىغان بىر خىل راھىبچىلىق تارىخشۇناسلىق. خرىستىئان دىنىنىڭ رىم ئىمپېرىيىسىدە كەڭ تارقىلىشى بىلەن ئەۋج ئالغان. مىلادى Ⅳ ئەسىردە، ئېئوسېبېئۇس يازغان <يىلنامە> ۋە <چېركاۋ تارىخى> خرىستىئان تارىخشۇناسلىقىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. Ⅴ ئەسىردە سېن ئاۋگۇستىن <ئىلاھ شەھىرى> نى يېزىپ، <ياخشىلىق بىلەن يامانلىقتىن ئىبارەت ئىككى مەنبەچىلىك> ۋە <ئىلاھ ئىرادىچىلىكى> نى ئوتتۇرىغا قويغان. ئىنسانلارنىڭ ھەممە نەرسىسىنى <ئىلاھ> ئالدىن ئورۇنلاشترغان، تاىرخ <ئىلاھ> ئىرادىسىنڭ گەۋدىلىنىشى، دەپ قارىغان. بۇ تەلىمات خرىستىئان ئىلاھىيەت تارىخ قارىشىنىڭ يادروسى بولۇپ قالغان. شۇنىڭدىن كېيىن كلاسسىك تارىخشۇناسلىق ئەنئەنىسى ئۈزۈلۈپ قالغان، خرىستىئان تارىخشۇناسلىقى غەربتە ئەنئەنە ئورنىغا ئىگە بولۇپ، تاكى ⅩⅣ ئەسىردە ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش ھەرىكىتى قوزغالغانغا قەدەر غەرب تارىخشۇناسلىقىنى مىڭ يىلغا يېقىن ۋاقىت داۋامىدا ئىدارە قىلغان. تارىخ يازغۇچىلارنىڭ تولىسى راھىبلار ۋە مۇناخلار، مەزمۇنىنىڭ تولىسى ئىلاھىيەت خۇراپاتلىقلىرى ياكى چېركاۋ تارىخىدىن ئىبارەت. تۈزۈلۈشى پۈتۈنلەي دېگۈدەك بىر خىل يىلنامە شەكلىدە بولۇپ، دىنىي خۇراپاتلىق ھەقىقىي تارىخنىڭ ئورنىنى ئالغان، تارىخشۇناسلىق ئىلاھىيەتنىڭ قۇلى ياكى بېقىندىسى بولۇپ قالغان، ئۇ قويۇق مىستىتىزم، مەدرىس پەلسەپىسى ۋە راھىپچىلىق تۈسىنى ئالغان. قوللىنىلغان <خرىستىئان يىلنامىسى> بىر قەدەر ئاددىي - ئاسان بولۇپ، ھازىرغىچە ئىشلىتىلىپ كەلمەكتە.