Uyghur主要词典
ئاڭلىماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئاڭلاش ئەزاسى قۇلاق ئاۋازنى قوبۇل قىلماق.
ئاڭلىغان قۇلاقتا گۇناھ يوق، ئاڭلىغان سۆزنىڭ ئىگىسى يوق. ئاڭلىساڭ جەننەت، كۆرسەڭ دوزاخ. تىڭلا، سۆزلىمە، كۆپ تىڭلا، ئاز سۆزلە. گاھىدا چوڭنىڭ گېپىنى تىڭشا، گاھىدا كىچىكنىڭ. كۆرگەن ئادەم بولسا، ئىشتكەننى ئىزدەش ھاجەتسىز. بىلىملىك جېنىنى پەرۋىش قىلار باق، ئەقىل يول كۆرسىتەر كىم سالسا قۇلاق. گېپىمگە قۇلاق سال. بۇ ئىش خاننىڭ قۇلىقىغا كىرىپ قاپتۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
تاۋۇشنى ئاڭلاش ئورگىنى ئارقىلىق قوبۇل قىلماق.
مۇزىكا ئاڭلىماق، دەرس ئاڭلىماق.
قىزىم ساڭا ئېيتاي، كېلىنىم سەن ئاڭلا (ماقال).
بىلمەك، خەۋەر تاپماق، خەۋەردار بولماق، ۋاقىپلانماق.
باھارخان ئۆلگەندىن كېيىن باقىنىڭ كېسىلى ئېغىرلىشىپ، ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغانلىقىنى ئاڭلىغانىدىم.
كۆڭۈل بۆلمەك، ئېتىبار بىلەن قارىماق، دىققەت - ئېتىبارىنى قاراتماق.
ئاممىنىڭ پىكرىنى ئاڭلىماق.
ئەخمەتجان قاسىمى بۇ ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشۈپ، خەلقنىڭ ياخشى تەلەپ - ئارزۇلىرىنى ئاڭلىدى.
قوبۇل كۆرمەك، ماقۇل بولماق.
گەپ ئاڭلىماق. نەرسە ئاڭلىماق.
ئاغزاكى تەنبىھ، دەككە، دەشنەم ۋە شۇ قاتارلىقلارنى ئىشىتمەك.
سېنى دەپ ئاپامدىن بىرمۇنچە گەپ ئاڭلىدىم.