Uyghur主要词典
گرېك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئىرقشۇناسلىق
مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان مىللەت ۋە بۇ مىللەتكە مەنسۇپ كىشى. ئۇلار قەدىمكى گرېكلار ۋە ھازىرقى گرېكلار دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ. قەدىمكى گرېكلار تەخمىنەن مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى ⅩⅡ ئەسىردىن مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى ⅩⅠ ئەسىرگىچە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ شىمالدىن بالقان يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبى، ئىئونىيە دېڭىزى ۋە ئېگېي دېڭىزىدىكى بىر قىسىم ئارال ۋە كىچىك ئاسىيانىڭ غەربىدىكى دېڭىز بويى رايونلىرىغا كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلاشقان ھەم يەرلىك ئاھالىلارنى ئۆزىگە قوشۇۋالغان. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى Ⅷ ئەسىردىن مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا قۇللۇق تۈزۈمدىكى نۇرغۇنلىغان شەھەر دۆلەتلىرىنى قۇرغان ھەم قارا دېڭىز ۋە ئوتتۇرا دېڭىز بويلىرىدىكى نۇرغۇنلىغان رايونلاردا مۇستەملىكىلەرنى بەرپا قىلغان، ھازىرقى گرېكلار گرېتسىيىنىڭ تۈپ ئاھالىسىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلار قەدىمكى گرېكلارنىڭ سلاۋىيانلار، ئالبانلار، ۋىلاكلار ۋە تۈركلەرنى ئۇزۇن مۇددەت ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشى نەتىجىسىدە شەكىللەنگەن. نوپۇسى تەخمىنەن 8 مىليون 700 مىڭ بولۇپ، كۆپ قىسمى پراۋۇسلاۋىيە دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. قالغان 2 مىليون گرېك ياۋروپا، ئاسىيا، ئافرىقا ۋە ئامېرىكا قىتئەلىرىگە تارقالغان. سىپرۇس جۇمھۇرىيىتىدە 500 مىڭ گرېك بار.