Uyghur主要词典
كەبىسە
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
كەبىسە يىلى - بىر كۈن ئارتۇق كەلگەن يىل، مىلادىيە يىلىدا تۆت يىلنىڭ بىرى كەبىسە بولىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئاسترونومىيە
بىر تروپىك يىلىنىڭ ۋاقتى ئادەتتە 365 كۈن بەش سائەت 48 مىنۇت 46 سېكۇنت بولىدۇ. قۇياش كالېندارىدا بۇ بىرى يىل 365 كۈن قىلىپ بەلگىلىنىپ، ئاشقان ۋاقتى تەخمىنەن ھەر تۆت يىلدا بىر كۈنگە يىغىنچاقلىنىپ، ئىككىنچى ئايغا قوشۇۋېتىلىدۇ. دېھقانلار كالېندارىدا بولسا، بۇ بىر يىل 354 كۈن ياكى 355 كۈن قىلىپ بەلگىلىنىپ، ئاشقان ۋاقتى تەخمىنەن ھەر ئۈچ يىلدا بىر ئايغا يىغىنچاقلىنىپ، بىر يىلغا قوشۇۋېتىلىدۇ. مانا بۇ خىل ئۇسۇل كالېندارچىلىقتا كەبىسە دەپ ئاتىلىدۇ. <كەبىسە> ئەرەبچە <ئارتۇق> ياكى <زاپاس> دېگەنلىك بولىدۇ