—参考资料
مىسىرلىقلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
مىسىرلىقلار <مىسىر ئەرەبلىرى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ، مىسىرلىقلار مىسىردا ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەت بولۇپ، ئاھالىسىنىڭ 4.99 پىرسەنتى مىسىردا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، نوپۇسى 48 مىليون 250 مىڭ. بۇنىڭدىن باشقا لىۋىيە (160 مىڭ)، سۇدان (50 مىڭ) قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ بىر قىسىم مىسىرلىقلار تارقاق ئولتۇراقلاشقان، مىسىرلىقلار مىسىر ئومۇمىي ئاھالىسىنىڭ 87 پىرسەنتىنى، دۇنيادىكى ئەرەبلەر تەخمىنەن ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ.
مىسىرلىقلار ياۋروپا ئىرقىنىڭ ھىندى - ئوتتۇرا دېڭىز تىپىغا كىرىدۇ، سام - ھام تىللىرى سىستېمىسىنىڭ سام تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە ئەرەب تىل - يېزىقىنى قوللىنىدۇ.
مىسىرلىقلار ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ.
ئاساسەن دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، دېھقانچىلىقتا بۇغداي، كۆممىقوناق، ئاققوناق، شال، كېۋەز، شېكەر قومۇچى، خورما ۋە مېۋە - چېۋە، كۆكتات قاتارلىقلار يېتىشتۈرىلىدۇ، مىسىرلىقلارنىڭ ئۇزۇن تالالىق پاختىسى دۇنياغا مەشھۇر.
مىسىرلىقلار قەدىمكى مىسىرلىقلارنىڭ بىۋاستە ئەۋلادى بولۇپ، ئۇلار مىلادىدىن ئىلگىرىكى 4500 - 3600 - يىللىرى نىل ۋادىسىدا ياشاپ، 3500 - يىللىرى نوبىيىلىكلەر، لىبىيلىكلەر ۋە خامىتلەر بىلەن قۇلدارلىق تۈزۈمدىكى دۆلەت قۇرۇپ، شىمالىي ئافرىقىدا ئۇزاق ۋاقىت دەۋران سۈرگەن، قەدىمكى مىسىر مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلىپ، دۇنيادا ئەڭ بۇرۇن مەدەنىيەتكە قەدەم قويغان.
مىسىرلىقلار قاتۇرماچ، بولكا قاتارلىقلارنى ئاساسىي ئوزۇق، كۆكتات، تۇخۇم، قوي، كالا گۆشىنى قوشۇمچە ئوزۇق قىلىدۇ.
مىسىرلىقلارنىڭ كىيىم - كېچەكلىرى ئۆزگىچە كېلىدۇ، مىسىر دېھقانلىرى ئۇچىسىغا ئاق كۆڭلەك كېيىپ، جىلىتكە قاپلىۋالىدۇ، ئادەتتە كەڭ كەلگەن ئاق شاراۋا كېيىدۇ، يۇقىرى مىسردىكىلەر بىلەن دېلتا رايوندىكىلەرنىڭ ئەرلىرى ياقىسىز نىمچا كېيىدۇ، ئاياللىرى ئۇزۇن قارا كۆڭلەك كېيىۋالىدۇ، سىرتقا چىققاندا پەرەنجە سېلىۋالىدۇ، شەھەردىكىلەرنىڭ كىيىم - كېچەكلىرى خىلمۇ - خىل بولىدۇ، مەرتىۋىلىك كىشلەر كۆپىنچە قارا ياكى قارامتۇل كىيىملەرنى كېيىۋالىدۇ.
مىسىرلىقلارنىڭ توي - تۆكۈن ۋە ئۆلۈم - يېتىم ئىشلىرى ئىسلام شەرىئەت قائىدىسى بويىچە بېجىرىلىدۇ.
مىسىرلىقلارنىڭ قۇربان ھېيت، روزا ھېيت ۋە باھار بايرىمى (ھەر يىلدا 15 - ئاپرىل كۈنى ئۆتكۈزىلىدۇ) ۋە ئانىلار بايرىمى، نىل دەرياسى تاشقىنى بايرىمى، قەبرە يوقلاش بايرىمى قاتارلىق دىنىي ۋە ئەنئەنىۋى ھېيت - بايراملىرى بار. ئانىلار بايرىمى ھەر يىلى 3 - ئاينىڭ ئاخىرىقى ھەپتىسىدىكى جۈمە كۈنى ئۆتكۈزىلىدۇ.
نىل دەرياسى تاشقىن بايرىمى مىسىرلىقلارنىڭ يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزىلىدىغان ئەنئەنىۋى بايرىمى بولۇپ، ئادەتتە نىل دەرياسى سۈيى تېشىپ ئىككى قىرغاقتىكى ئېكىنزارلىقنى سۇ باسقان مەزگىلىدە ئۆتكۈزىلىدۇ.
باھار بايرىمى ھاۋا يېيىش بايرىمى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، باھار بايرىمى مىسىرلىقلارنىڭ ھەر يىلى گۈل - گىياھلار ئېچىلغان 15 - ئاپرىل كۈنى ئۆتكۈزىلىدىغان نەچچە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە، ئەڭ تەنتەنىلىك ئەنئەنىۋى بايرىمى.
قەبرە يوقلاش بايرىمى مىسىرلىقلارنىڭ نەچچە مىڭ يىلدىن بېرى داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى بايرىمى بولۇپ، ھەر يىلى ھىجرىيە 7 - ئاينىڭ بىرىنچى ھەپتىسىنىڭ پەيشەنبە كۈنى ئۆتكۈزىلىدۇ، قاھىرە شەھىرىدىكىلەر 7 - ئاينىڭ ئوتتۇرلىرى ئۆتكۈزىدۇ.
مىسىرلىقلار ئەدەپ - قائىدىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ، مېھماندوسىت، مەرت ھەم سېخىي كېلىدۇ.
مىسىرلىقلار ئادەتتە تونۇش - بىلىش كىشلەر بىلەن ئۇچرىشىپ قالسا قول ئېلىشىپ كۆرۈشىدۇ، ئاياللىرى بىر - بىرىنى سۆيۈپ قويىدۇ، ئەرلىرى بىر - بىرىنى <سەئىد> (ئەپەندى)، مويسىپىت كىشلەرنى <ئۇستاز> (مۇئەللىم)، مەرتىۋىلىك كىشلەرنى <رەئىس> ياكى <پاشا> دەپ ئاتايدۇ، ئاياللار ناتونۇش ئەرلەر بىلەن ناماھرەم بولىدۇ دەپ قاراپ يۈز كۆرۈشمەيدۇ، ئەرلەر ئاياللارنىمۇ گەپكە تۇتمايدۇ. مىسىرلىقلار <مائەيلىش> (ھېچقىسى يوق)، <ئاللا پاناھىدا ساقلىغاي> دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەرنى ئېغىزدىن چۈشۈرمەيدۇ.
مىسىرلىقلاردا ئادەتتە ئىسرىق (كۆجە) سېلىش ئادەتكە ئايلانغان.
مىسىرلىقلارنىڭ پەرھىزلىرى بىر قەدەر كۆپ، مىسىرلىقلار كۈن ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئۆي، ھويلا - ئاراملارنى سۈپۈرمەيدۇ، ھۇقۇش، قاغىلارنىڭ ئاۋازىنى بەكمۇ يامان كۆرىدۇ، مىسىرلىقلار ئىشىك شىمالغا قاراپ ئېچىلسا، بەخت - سائادەتنىڭ، غەربكە قاراپ ئېچىلسا، ھوقۇق مەرتىۋىنىڭ، شەرققە قاراپ ئېچىلسا تەتۈر پېشانىلىكنىڭ بىشارىتى دەپ ھېسابلايدۇ، ئوڭ قاپىقى تارتسا ياخشىلىقتىن، سول قاپىقى تارتسا بالايىقازادىن بىشارەت بېرىدۇ دەپ قارايدۇ.مىسىرلىقلار قارا، سېرىق رەڭنى بەختسىزلىك ۋە مۇسىبەتنىڭ ئالامىتى دەپ قاراپ يامان كۆرىدۇ، ئاق ۋە يېشىل رەڭنى ياخشى كۆرىدۇ.
مىسىرلىقلار مۈشۈكنى مۇقەددەس ۋە ئامەتنىڭ سىمۋولى دەپ ئۇنى قەدىرلەيدۇ ھەمدە دۆلەت ھايۋىنى دەپ ھېسابلايدۇ.
مىسىرلىقلاردا يەنە نىلوپەر بىلەن زىمبابۋى قۇشىنىمۇ دۆلەت گۈلى ۋە دۆلەت قۇشى دەپ ئەتىۋارلاش ئادىتى بار.
مىسىرلىقلارنىڭ رەقەم - سان قارىشى ئەرەب مىللەتلىرىگە ئوخشايدۇ، ئۇلار ئادەتتە <7> رەقەمنى خاسىيەتلىك، بەخت - سائادەتلىك دەپ قارايدۇ، شۇڭا توي - تۆكۈن ۋە باشقا خۇشاللىق ئىشلارنى ھەر ھەپتىنىڭ 7 - كۈنى ئۆتكۈزىدۇ.