Uyghur→Chinese主要词典
كاراۋېلوۋ
دۇنيا تارىخى
卡腊维洛夫
kǎ là wéi luò fū
(1) ليۇبېن كاراۋېلوۋ (1834 - 1879) بۇلغارىيىلىك ئىنقىلابچى، يازغۇچى، سىياسىي ئوبزۇرچى. كوپرىۋىشتىتىسا شەھىرىدىكى بىر باي ئائىلىدە تۇغۇلغان. ياخشى تەربىيە كۆرگەن بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنى ئايلىنىپ چىقىپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرگەن. 1857 - يىلى روسىيە مۇسكۋا ئونىۋېرسىتىتىنىڭ تارىخ - پەلسەپە فاكۇلتىتىدا ئوقۇۋاتقان چېغىدا روسىيە ئىنقىلابچىلىرى بىلەن تونۇشقان، گېرتسىن، چېرنىشۋېسكىيلارنىڭ تەلىماتىنى تەتقىق قىلغان. 1867 - يىلى سېربىيىدە ئولتۇراقلىشىپ، ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. 1868 - يىلى 6 - ئايدا سېربىيە كىنەزىنى ئۆلتۈرۈشكە قاتناشتى دەپ ئەيىبلىنىپ، بىر مەزگىل تۈرمىدە ياتقان. 1869 - يىلى كۈزدە بۇخارېستتا <ئەركىنلىك> گېزىتىنى چىقارغان. كېيىن يەنە <مۇستەقىللىك> گېزىتىنى چىقارغان. 1870 - يىلى لېۋىسكىي بىلەن بىللە بۇلغارىيە ئىنقىلابىي مەركىزىي كومىتېتىنى قۇرغان. 8721 - 1875 - يىللىرى ئىنقىلابىي مەركىزىي كومىتېتىدىكى بۇرژۇئا رادىكاللىرىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، سېربىيەنىڭ سىرتقى ياردىمى ئارقىلىق بۇلغارىيەنىڭ مۇستەقىللىكى، ئازادلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. 1875 - يىلى سىياسىي پائالىيەتتىن قول ئۈزۈپ، <بىلىم> ژورنىلىنى نەشىر قىلىپ، ئاقارتىش ھەرىكىتى ئىدىيىسىنى تەشۋىق قىلغان. ئۇنىڭ <بۇلغار خەلقنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىغا دائىر يازما ھۆججەتلەر>، <بۇلغار خەلقىنىڭ قىسمەتلىرىدىن سەھىپىلەر> ۋە يەنە ئەدەبىي ئەسەر <تەقدىر جىنايەتلىكىمۇ؟> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. (2) پېتكو كاراۋېلوۋ (1843 - 1903) بۇلغارىيە باش ۋەزىرى (1881 -، 1884 - 1886، 1901)، لىبېرالىستلار پارتىيىسى (كېيىن نامى دېموكراتلار پارتىيىسىگە ئۆزگەرتىلگەن)نىڭ داھىيىسى. 1878 - يىلى لاخوۋ ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان. 1879 - يىلى 2 - ئايدا مىللىي مەجلىسنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شۇ يىلى 10 - ئايدىن باشلاپ رەئىس بولغان. 1880 - يىلى مالىيە ۋەزىرى بولغان. 1881 - 1883 - يىللىرى شەرقىي دومېلىيىدە <مۇستەقىللىك> گېزىتىنى تارقاتقان. 1883 - يىلى سوفىيىگە يېنىپ كېلىپ، باتتېنبېرگ كىنەزگە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىگە قاتناشقان. 1884 - يىلى لىبېرالىستلار پارتىيىسى سايلامدا غەلىبە قىلغان. شۇ يىلى 7 - ئايدا يېڭى ھۆكۈمەت تەشكىللەپ، <تىرنوۋو ئاساسىي قانۇنى>نى يەنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. 1886 - يىلى 8 - ئايدا باتتېنبېرگ كىنەز ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، ۋاقىتلىق ھاكىمىيەت ئورگىنىغا قاتناشقان. روسىيەپەرەسلەرنىڭ سىتامبولوۋنى ئۆلتۈرۈش سۈيىقەستىگە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن قاماق جازاسى بېرىلگەن.