Uyghur主要词典
پاي
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
شىركەت، كارخانا ۋە بىرلەشمىلەرگە شېرىك بولۇپ قوشقان ھەسسە، ئۈلۈش.
پاي پۇلى. * پاي چېكى. * پاي ئۆسۈمى. * پاي فوندى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
ئاياغ، پۇت، پۇت ئىزى. كۆپىنچە تۇراقلىق ئىبارىلەردە كېلىدۇ.
چار پاي. * چىراغپاي.
يەنە Ⅲ شەخس تۈرىدىمۇ، ئايرىم تۇراقلىق ئىبارىلەردىمۇ كېلىدۇ: پېيىغا چۈشمەك. * پېيىدا بولماق.
باغۋەن ئىش پېيىدا بولمىسا بەزەن،
باسىدۇ شۇ ھامان ئەتراپنى تىكەن.
ئاھاڭداش سۆزلەر
مىقدار سۆز.
دانە، تال.
بىر پاي ئۆتۈكۈم يوق تۇرىدۇ. * ئۇ تۆت پاي ئوق ئۈزدى. * ئاشپۇزۇلنىڭ ئوچاقتىكى قازىنىغا ئۈچ پاي قاسقان ئورنىتىلغانىدى. * ھەر خىل مىلتىقتىن بىر پاي ئتسىمۇ، تەككۈزگىنى ئاز.
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئاياغ:
ئاست، تەگ، ئاساس:
1.كېلىپ چۇست پەرھادنىڭ قاشىغە،
كى پەند ئەيلەدى پايىدىن باشىغە.
ئا. نىزارى.
2. ئەگەر بەندە سەن بولمە ئازار بەخش،
شىكەستە بولۇپ ئۆزىنى قىل پابى نەقىش.
ئا. نىزارى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
<پا>غا قاراڭ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
شېرىكلىشىپ باشقۇرغان سودا - سانائەتكە قوشۇلغان دەسمايە، ئۆسۈمى بولىدۇ.
شىركەتكە ئالتە پاي قوشتۇم. لىچۈن ھەسسىدارلار شىركىتىدە ئالىدىغان ئۈلۈشۈم بار. شىركەتكە قوشقان ھەسسىدارلار يىللىق ئۆسۈم ئېلىشقا ئالدىراپ تۇراتتى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
بىرەر تىجارەت ياكى كەسىپنى يولغا قويۇش ئۈچۈن شېرىكچىلىك ئاساسىدا قوشۇلغان ھەسسە؛ ئۈلۈش، دەسمايە.
پاي پۇلى. پاي قوشماق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پارىسچە
ئى. پۇت، ئاياغ؛ تاپان.
كۆرسەتكىن نىزارىنىڭ خانىسىنى، مەن ئۇنىڭ ئىز - پايىنى قىلاي تاۋاپ.
ئى. بىر جۈپ ئىشلىتىلىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەربىرى.
سىڭار پاي ئاياغ.
مىق. نەرسىلەرنىڭ مىقدارىنى بىلدۈرىدۇ؛ دانە، تال.
ئون ئىككى پاي ئوق. تۆت پاي قاسقان.
ئى. ئاياغ ئىزى كۆپ تەگكەن؛ كۆپ دەسسەلگەن يەر ياكى نەرسە.
جۇۋازنىڭ پېيى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
بۇغداي، شال، ئارپا قاتارلىق زىرائەتلەرنىڭ ئورۇلۇپ، باغلانغان ھالىتى: پاي تىكمەك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
غەيرەت؛ چىدام، بەرداش.
پاي بەرمەك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
جاي، مۇساپە، يول قاتارلىقلارنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسى؛ چېگرىسى.
زەپ ئوخشىغان بۇغداينىڭ پايانى ھېچ كۆرۈنمەي؛ كېچە - كۈندۈز قۇندۇزنىڭ ھارغىنلىقى بىلىنمەس.
ئىش - ھەرىكەت، گەپ - سۆز، ۋەقە - ھادىسىلەرنىڭ ئاخىرى؛ داۋامى.
بىلمىدىم كۈلپەتنىڭ بارمۇ پايانى، ئالەمگە ھەمراھكەن ئادەم پىغانى.
كۆچمە. ھېس - تۇيغۇ، كەچۈرمىش قاتارلىقلارنىڭ چېكى؛ ئاخىرى.
تارقىلىپتۇ ئاخشامقى تۈن تۇمانى، ئېقىن بىلەن بىللە ئۈزدۈم باھاردا، بۇ ئېقىنغا ئىشقىمنىڭ يوق پايانى، ئۇ ئاققان جاي بولغاچ قەلبىم ماكانى.