Uyghur主要词典
يا
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
ئەرەب ئېلىپبەسىدىكى «ي» نىڭ ئېتى. «پۈكۈلمەك، ئىگىلمەك» كە ئىشارە. كلاسسىك ئەدەبىياتىمىزدا ئۇچرايدۇ.
ئېلىپتەك قەددىم يادەك ئېگىلدى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
قارىمۇ قارىشى باغلىغۇچى. ياكى، يا بولمىسا.
سەن كېلەمسەن يا مەن بارايمۇ؟ * يا نېرى ئەمەس، يا بېرى. * يا ھالال ئەمەس، يا ھارام. * يا گۆش ئەمەس، يا بەز. * يا خۇدادىن قورقمىغان، يا بەندىدىن ھېيىقمىغان. * يا پۇككا چۈشسۈن، يا چىككا. * يا قاينامدىن چىقار، يا سايرامدىن. * يا ئاق ئەمەس، يا قارا. * يا ئاق قىل، يا قارا.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بۆلگۈچى باغلىغۇچى، سۆز، جۈملىلەرنىڭ ئىككىدىن بىرىنى تاللاش مۇناسىۋىتىنى كۆرسىتىدۇ.
سەن بارامسەن، يا مەن كېلەيمۇ؟ خام مېۋىدە يا پۇراق يوق، يا لەززەت. ئۇ يا ئەلەمدە يوق، يا قەلەمدە. يولۋاسنى ئۆلتۈرۈش ياكى يولۋاسقا يەم بولۇش - ئىككىنىڭ بىرى. بۇ يەردە بىكار تۇرامدۇق، كىنوغا بارايلى، يا بولمىسا، ئۆيگە كېتەيلى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قەدىمكى بىرخىل جەڭ قورالى.
يادىن ئۈرگۈگەن قاغا ئورماندىنمۇ قورقىدۇ. تىلىڭنى سۆزلەشكە ساز، تەبەر قىل، تىلىڭنى ئوق قىل ۋە ئەقىلنى يا قىل. ياي بەك تارتىلسا سۇنار، ئاي بەك تولسا كەمتۈك بولار. ئاتا كۆرگەن ئوقيا ياسار. ئوق ئاتقان بولساڭ، سادىقىڭنى يوشۇرما. ئاتقىلى ئوق، ئاشىقلىرىڭ كۆكسىنى ھە دەپ، يايىڭغا جانىم قىلىپ قۇربان، سادىقىڭنى ئۆپەي. مەرگەن سەۋر قىلسا، ئەقىلدىن نىشان، كامانغا قايتمايدۇ ئۇچقان ئوق ھېچ ئان.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
يا ~ ياي.
ماقال مۇنداق كەلگەن: قۇرمىش كىرىش تۈگۈلمەس ئوقرۇقۇن تاغ ئەگىلمەس _ قۇرۇلغان كىرىچ تۈگۈلمەس، سالما بىلەن تاغ ئېگىلمەس، يەنى قۇرۇلغان كىرىچ يىغىلماس، تاغنى سالما بىلەن ئەگكىلى بولماس. بۇ ماقال ئەرزىمەيدىغان ۋاستە بىلەن چوڭ ئىشقا كىرىشمەسلىككە ئۈندەپ ئېيتىلىدۇ. (بۇ ماقال «يا يا _ يا» سۆزىگە كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، ماقالدا «يا» ئورنىغا « كىرىش _ كىرىچ» سۆزى ئىشلىتىلگەن).
3 - 296
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
« ۋا _ ۋاھ~ ۋاي» غا ئوخشاش ئىنكار قىلىش قوشۇمچىسى.
3 - 297
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
يا (قەدىمكى جەڭ ۋە ئوۋ قوراللىرىنىڭ بىر قىسمى)؛ ئىملىق سۆز
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
قاتتىق ياغاچنىڭ ئىككى ئۇچىدىن يىپ تارتىپ، ئېگىپ، يېرىم چەمبەر شەكلىدە ياسالغان، كىچىك نەيزىسىمان ئوق سېلىپ ئاتىدىغان قەدىمكى ئۇرۇش قورالى؛ كامان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
باغلانما
پارىسچە
تەڭداش جۈملە بۆلەكلىرى ياكى ئايرىم جۈملە بۆلىكى ئالدىدا كېلىپ، پىكىرنىڭ قىياس قىلىنغۇچى بۆلەكلىرىدىن بىرىگە تەئەللۇق ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.
قوغۇنغا ئوغرى كەلسە، يا پىششىقىنى قويماس، يا خەمىكىنى قويماس (ماقال).
سوئال جۈملە ئالدىدا كېلىپ ئۆزىدىن بۇرۇنقى جۈملە مەنىسىگە نىسبەتەن قارىمۇقارشى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.
سۇ ئۆزى يار ئالغانمىدۇ، يا بىرەر قارا نىيەت ئۆچمەنلىك قىلغاندىمۇ؟
ئىككى جۈملە ئوتتۇرىسىدا كېلىپ، كېيىنكى جۈملىدىكى ئىش - ھەرىكەتنىڭ بولۇنمىغانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان ياردەمچى سۆز ئورنىدا خىزمەت قىلىدۇ.
ئوت - چۆپ بولمىسا نېمە بوپتۇ؟ يا بىز ئوت ئورغىلى بارمىساق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىملىق سۆز
ئەرەبچە
كۈچلۈك ئىنتوناتسىيە بىلەن ئېيتىلىپ، مۇراجىئەت قىلىش، ئەجگبلىنىش مەنىلىرىنى بىلدۈرىدۇ.
يا رەببىم. يا ھەزرەت. يا پەرۋەردىگار. يا خۇدا.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئوقيا ئاتىدىغان كىرىچلىك ئەگرى قورال.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
ئوقيا، باي، ياچاق، ساداق، كامان.
كىيدىم كېپىنەك توننى، گۈلخاندا ياتارمەن دەپ،
ئالدىم يا بىلەن ئوقنى دۈشمەننى ئاتارمەن دەپ.
- قوشاق.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئۈندەش.
مەدەت تىلەپ ياكى مۇراجىئەت قىلىپ ئېيتىلىدۇ.
يا رەببىم. * يا پىرىم. * يا ھەزرەت. *