Uyghur→Chinese主要词典
ئۈچ ئەمەلدار ۋەقەسى
دۇنيا تارىخى
X.Y.Z事件
X.Y.Zshì jiàn
فرانسىيە نازارەتچى ھۆكۈمىتىدىكى ئۈچ ئەمەلدارنىڭ ئامېرىكىدىن پارا ئالغان ۋەقەسى. جون ئادامىس 1796 - يىلى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بولۇپ سايلانغان، بۇدەل فرانسىيە نازارەتچى ھۆكۈمىتى دەۋرىگە توغرا كەلگەن. نازاراتچى ھۆكۈمەت ئامېرىكائەۋەتكەن ئەلچىنى رەت قىلغان. قوشما شتاتلار پارتىيىسىدىكىلەر ئۇزاقتىن بېرى فرانسىينىڭ ھاقارىتىگە ئۇچراپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن، فرانسىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. لېكىن 1797 - يىلى ئادامىس فرانسىيە بىلەن ئالاقىلىشىشقا ئۈچ كىشىنى ئەۋەتكەن. فرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تاللېراند ئۇلارنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئاسترتتىن ئامېرىكىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن ئالاقىلىششى ئۈچۈن ئۈچ ئەمەلدارنى ئەۋەتكەن. بۇ ئۈچ ئەمەلدار ئامېرىكىدىن زور مىقدارا قەرز پۇل بېرىشنى تەلەپ قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە تاللېراندنىڭ قوبۇل قىلىش شەرتى ھېسابىدا ئامېرىكا ۋەكىللىرىدىن250 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى پايدا بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ئامېرىكا ۋەكىللىرى ئۇنى رەتقىلغان. 1798 - يىلى 4 - ئايدا، ئادامىس پارلامېنتقا فرانسىيە بىلەن سۆزلىشىش جەريانىنى ئېلان قىلغاندا پارا ئېلىشقا كەلگەن ئۈچ ئەمەلدارنى X.Y.Z دېگەن ھەرپ بىلەن ئاتىغان. بۇ ۋەقە تەپەيلىدىن قىسقا مۇددەتتە دىپلوماتىيە ماجىراسى يۈز بەرگەن. 1800 - يىلى ئامېرىكا - فرانسىيە يېڭىۋاشتىن كېڭىشىپ شەرتنامە تۈزۈشكەن.