Uyghur主要词典
ئۇپرىماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كۆپ ئىشلىتىشتىن ياكى زىياندىن بارا - بارا ئازىيىپ كەتمەك.
چىشنىڭ ئۇپرىغىنىنى تىل بىلەر. تەن ئۇپرىسىمۇ، جان ئۇپرىماس. شاراب مېلىڭنى خورىتار، جېنىڭنى ئالار. ئەقىل توزۇماس، بىلىم خورىماس.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ئەسۋاب، ئۈسكۈنە قاتارلىقلار سۈركىلىش ياكى كۆپ ئىشلىتىش سەۋەبىدىن ھەجمى، مىقدارى ئازىيىپ، كىچىكلەپ بارماق.
چولاق كەتمەنلەرنى، ئۇپراپ بۇقىنىڭ ماڭلىيىدەك بولۇپ قالغان جوتۇلارنى كۆتۈرگەن كىشىلەر ھايال ئۆتمەي بۇ يەردە پەيدا بولۇشتى.
كۆچمە. بىكار ئاۋارە بولۇپ ئارتۇقچە جاپا چەكمەك، قىينالماق، ئۆزىنى ئالدۇرماق.
ئولتۇر بالام، ئولتۇر، سەن بىلەن بىزنىڭ ئۇپرىغىنىمىزدىن ئۇنىڭ پەرۋايى پەلەك، گەپ قىلساڭ يەرگە قاراپ تۇرغىنى تۇرغان.