Uyghur主要词典
زوڭ ئولتۇرماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
تىزىنى پۈكۈپ ساغرىسىنى يەرگە تەگكۈزمەي ئولتۇرماق، زوڭزايماق.
سەمەت زوڭ ئولتۇرۇپ، كىچىك بالىدەك كۆزىنى ئۇۋۇلاپ يىغلاپ كەتتى.
كۆچمە. بىرەر ئىشتا، جۈملىدىن سودىدا زىيان تارتماق.
ئۇ بۇ قېتىمقى سودىدا خېلى جىق زوڭ ئولتۇرۇپتۇ.
كۆچمە. ۋەدىسدىن يېنىۋالماق؛ بېشى بوشاپ كەتمەك.
ۋەزىپىنىڭ ئىغىرلىقىنى سەزگەن ئادىل ئەتىسىلا زوڭ ئولتۇرۇۋالدى.