Uyghur主要词典
ماسىنسسا
دۇنيا تارىخى
(تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 240 - 149) نۇمىدىيە پادىشاھى (مىلادىدىن ئىلگىرى 201 - 149). گالانىڭ ئوغلى. كارفاگېن (ھازىرقى تۇنىسنىڭ شىقمالى قىسمى) دا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن. ئىككىنچى قېتىملىق پئېنى ئۇرۇشىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئىسپانىيىنىڭ كارفاگېن قوشۇنىغا قاتنىشىپ، رىم بىلەن ئۇرۇشقان، كېيىنكى مەزەىلىدە رىم قوماندانى چوڭ سىپىئو تەرەپكە ئۆتۈپ كېتىپ، كارفاگېنغا قارشى تۇرغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 202 يىل زاما جېڭىدە چوڭ سىپىئوغا ئاتلىق ئەسكەرلەر بىلەن مەدەت بېرىپ، گاننىبالنى مەغلۇپ قىلغان. ئىككىنچى يىلى، رىمنىڭ قانات ئاستىغا ئېلىشى بىلەن نۇمىدىيە (كارفاگىننىڭ غەربىدە) نىڭ پادىشاھى بولغان رىمنىڭ كۈچىگە تايىنىپ دائىم دېەۈدەك كارفاگېنغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ ئاخىرى ئۈچىنچى قېتىملىق پوئېنى ئۇرۇشىنى قوزغىغان. ئۆلگەندىن كېيىن دۆلەت زېمىنىنى ئۇنىڭ ئۈچ ئوغلى بۆلۈشۋالغان.