Uyghur→Chinese主要词典
بىرىسسوت
دۇنيا تارىخى
布里索
bù lǐ suǒ
(1754 - 1793) فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى مەزگىلىدىكى گىروندىچىلارنىڭ ئاساسلىقى رەھبەلىرىدىن بىرى. ئادۋوكاتلار ئىش ئورنىدا خىزمەتچى بولغان، مۇستەبىتلىك ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىگە قارشى تۇرىدىغان مەزمۇندىكى كىتابچىنى نەشر قىلدۇرغانلىقتىن تۈرمىگە قامالغان. 1785-يىلى كىنەز ئورلېئاننىڭ ئىشخانىسىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن، كېيىن ئەنگلىيىدە ساياھەتتە بولغان. 1788-يىلى <نېگىرلار دوستلۇق جەمئىيىتى> قۇرۇلغاندا نېگىرلارنىڭ ھوقۇقتا باراۋەر بولۇشىنى تەشەببۇس قىلغان ھەمدە ئامېرىكىغا بېرىپ نېگىر قۇللارنىڭ ئازادلىق مەسىلىسىنى تەتقىق قىلغان. 1789-يىلى پارىژغا قايتىپ كېلىپ، <فرانسۇز ۋەتەنپەرۋەرلەر گېىزىت>نى نەشر قىلغان. كېيىن ياكوبىنچىلار كۇلۇبىغا قاتنىشىپ، قانۇن چىقىرىش پارلامېنتى ۋە مىللىي ئۇيۇشمىغا سايلانغان. پادىشاھلىق تۈزۈمنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، جۇمھۇرىيەت قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. لۇئى ⅩⅥ نىڭ قېچىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، كورۇلنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلىش مۇراجىئەتنامىسىنى يېىزپ چىققان. مىللىي ئۇيۇشمىدا ئۆزى ۋەكىللىك قىلغان گىروندىچىلارنى شەكىللەندۈرۈپ، <تاغلىقلارغا> قارشى تۇرغان. 1792 -يىل 8-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى قوزغىلاڭدىن كېيىن، پارىژ كوممۇنىسى بىلەن ياكوبىنچىلار كۇلۇبىنى تارقىتىۋېتىشكە ئۇرۇنغان. 1793-يىلى 6-ئايدا سۈرگۈن قىلىنىپ، قېچىپ كېتەلمەي قولغا ئېلىنغان. 10-ئايدا قەتلى قىلىنغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن: <جىنايى ئىشلار قانۇنى نەزەرىيىسى>، <ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىدىكى نېگىرلار ھەققىدە خاتىرىلەر>، <فرانسىيە زور ئىنقىلابى توغرىسىدا ۋە شۇ دەۋر كىشىلىرىنىڭ ئەسلىمىلىرى> قاتارلىقلار بار.