Uyghur主要词典
مالتا
دۇنيادىكى دۆلەتلەر
ياۋروپا
شامالدىن پاناھ جاي
يەر ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان ئارال دۆلەت. ئۇنىڭ يەر مەيدانى 316 كۋادراتك ىلومېتىر كېلىدۇ، ئاھالىسى 332 مىڭ بولۇپ (1984)، بۇنىڭ %95 نى مالتالىقلار ئىگىلەيدۇ. بۇلاردىن قالسا ئەرەب، ئىتالىيان، ئىنگلىز قاتارلىق مىللەتلەر بار. مالتا ئاھالىسىنىڭ كۆپى خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، مالتا تىلى بىلەن ئىنگلىز تىلىنى ئومۇميۈزلۈك قوللىنىدۇ. مالتا بەش ئارالدىن تەشكىل تاپقان، ئۇنىڭ ئەڭ چوڭى مالتا ئارىلى، ئۇنىڭدىن قالسا گوزۇ، كەيمۇنا قاتارلىق ئاراللاردىن ئىبارەت. مالتانىڭ ئىقلىمى يازدا قۇرغاق ئىسسىق، قىشلىقى يىللىق كۆپ يامغۇرلۇق بولىدۇ. قىشلىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃13.7، يازلىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃22.6 بولىدۇ. يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 560 مىللىمېترغا يېتىدۇ. مالتا يەر ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى مۇھىم قاتناش تۈگۈنى، شۇنداقلا مۇھىم ستراتېگىيىلىك ئورۇن، ئاتلانتىك ئوكياندىن يەر ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىي تەرەپلىرىگە، ھىندى ئوكيانغا بارىدىغان پاراخوتلار بۇ جايدا توختىماي ئۆتمەيدۇ. مالتا يەر ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرق ۋە غەرب تەرەپلىرىنى كونترول قىلىشتا ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئورۇن. 218 - يىلى رىملىقلار مالتانى ئىگىلىگەن. 1798 - يىلى فرانسىيىلىك ناپالىئون ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان. 1800 - يىلى ئەنگلىيىلىكلەر تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان، 1814 - يىلى ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان، 1964 - يىلى 9 - ئاينىڭ 21 - كۈنى مۇستەقىللىككە ئېرىشكەن، 1974 - يىلى 12 - ئاينىڭ 23 - كۈنى دۆلەت نامىنى <مالتا جۇمھۇرىيىتى> گە ئۆزگەرتكەن، ھازىر ئۇ يەنىلا ئەنگلىيە ئىتتىپاقىنىڭ بىر ئەزاسى. مالتا ئىقتىسادىي جگھەتتە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت. ئىقتىسادتا پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىش سانائىتى بىلەن ساياھەتچىلىك، پاراخوت رېمونت قىلىش ھەم پاراخوت ياساش سانائەتلىرى مۇھىم ئۈچ چوڭ ئىقتىسادىي تۈۋرۈكى ھېسابلىنىدۇ. زامانىۋىلاشقان توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك، يېمەك - ئىچمەك، تېرە - خۇرۇم، كونسېرۋا قاتارلىق پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىش سانائەتلىرىنىڭ ئومۇمىي قىممىتى پۈتۈن خەلق ئىگىلىكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %30 نى ئىگىلەيدۇ. مالتاغا ھەر يىلى كېلىپ كېتىدىغان ساياھەتچىلەر 479 مىڭدىن ئاشىدۇ (1984)، ساياھەتچىلىك كىرىمى ئومۇمىي كىرىمىنىڭ 4/1 نى، تاشقى پېرىۋوتنىڭ% 30 نى ئىگىلەيدۇ. مالتا ھەرخىل تىپتىكى پاراخوتلارنى رېمونت قىلىشتىن سىرت، 120 مىڭ توننىلىق پاراخوتلارنى ئىشلەپچىقىرالايدۇ. مالتانىڭ يېزا ئىگىلىك ئانچە تەرەققىي قىلمىغان. ئۇ جايدا بۇغداي، ياڭيۇ، ھەرخىل سەي، مېۋە - چېۋە ئۆستۈرۈلىدۇ. مالتا ئىشلەپچىقارغان بۇغداي بىلەن ئاران بىرنەچچە ھەپتىلىك ئېھتىياجىنى قامدايدۇ، قالغان قىسمىنى ئىمپورت قىلىدۇ.
مالتانىڭ تولۇق نامى <مالتا جۇمھۇرىيىتى> بولۇپ، ياۋروپانىڭ جەنۇبىي، ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان، بەش چوڭ - كىچىك ئارالدىن تۈزۈلگەن ئارال دۆلەت. قەدىمدە فىنىكىيە ۋە كارفاگېننىڭ مۇستەملىكىسى بولغان، فىنىكىيلىكلەر بۇ ئارالنى Malet دەپ ئاتىغان، مەنىسى <شامالدىن پاناھ جاي>، چۈنكى ئۇنىڭ دېڭىز قىرغاقلىرى ئەگرى - توقاي، دېڭىز قولتۇقلىرى پىنھان بولۇپ، قەدىمدىن باردى - كەلدى كېمىلەرنىڭ شامالدىن پاناھلىنىپ توختايدىغان كۆڭۈلدىكىدەك ئارامگاھى بولغاچقا شۇنداق ئاتالغان. گرېتسىيىلىكلەر ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋرلەردە، فىنىكىيە تىلىدىكى بۇ نام گرېك تىلىدىكى Melite (ھەرىنىڭ ھەسەلخانىسى) قىلىپ ئۆزگەرگەن. Melite نامى كېيىن رىملىقلار تەرىپىدىن دۋاملىق ئىشلىتىلگەن. كېيىن بىر قانچە قېتىملىق خاتا تارقىلىش ئارقىلىق، بۈگۈنكى مالتا ئارىلىغا ئۆزگىرىپ قالغان. مىلادىدىن ئون ئەسىر بۇرۇن، ئوتتۇرا دېڭىزغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان فىنىكىيىلىكلەر سودا سەپىرىدە ئويلىمىغان يەردىن بۇ تىزما ئارالنى بايقاپ قالىدۇ. مىلادى 870 - يىلدىن كېيىن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئەرەبلەر، نورماندىيىلىكلەر ۋە ياۋرۇپا چەۋەندازلار پولكى بۇ جاينى ئىگىلەپ تۇرىدۇ. 1814 - يىلى ئەنگىلىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولۇپ قالىدۇ. 1964 - يىلى ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقىدىن قوتۇلۇپ، رەسمىي مۇستەقىللىق جاكارلاپ، ئەنگلىيە فېدېراتسىيىسىنىڭ ئەزا دۆلىتى بولىدۇ. 1974 - يىلى 12 - ئاينىڭ 13 - كۈنى مالتا جۇمھۇرىيىتىگە ئۆزگەرتىلىدۇ.
مالتا جۇمھۇرىيىتىنىڭ يەر مەيدانى 316 كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 407 مىڭ، بۇنىڭ 97%ىنى مالتالىقلار تەشكىل قىلىدۇ. مالتا تىلى ۋە ئىنگلىز تىلى ھۆكۈمەت تىلى ھېسابلىنىدۇ. پايتەختى ۋاللېتتا. پۇل بىرلىكى مالتا پوندى.
مالتا ئوتتۇرا دېڭىزىدىكى بىر مەارۋايىت. مىلادىيدىن 10 ئەسىر بۇرۇن، قەدىمكى فىنكىيلىكلەر ئاۋۋاك بۇ يەرگە كېلىپ بۇ ئارالنى < شامالدىن ساقلىنىدىغان جاي > دەپ ئاتىغان. كېتىن بۇ كىچىككىنە ئارال دۆلىتى كۆپ قېتىم چەت ئەلنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچراپ 1964 - يىلى مۇستەقىل بولغان. مالتانىڭ دۆلەت بايرىقى ئاجايىپ رىۋايەت بىلەن تولغان تۈسكە ئىگە. مىلادىيە 9 - ئەسىردە ئەرەبلەرنىڭ ياجاۋۇزىغا ئۇچرىغان؛ 1090 - يىلى، روجېس ئىسىملىك بىر نورمان ئۇزۇن سەپەر ئارقىلىق بۇ يەرگە كېلىپ، بۇ يەردىكى خەلقنىڭ ئەرەبلەرنى ھەيدەشكە رەھبەرلىك قىلغان. شۇنىڭدىن باشلاپ رۇجېسقا ۋەكىللىك قىلغان قىزىل ۋە ئاق ئىككى رەڭلىك بايراق مالتانىڭ تارىخى بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن. 1964 - يىلى مالتا ئەنگلىيدىن قۇتۇلۇپ مۇستەقىل بولغاندا ئاق ۋە قىزىل تىك يوللۇق بايراقنى جۇمھۇرىيەت بايرىقى قىلىپ ئىشلەتكەن. دۆلەت بايرىقىنىڭ ئۈستىدىكى سول بۇلۇڭغا بىر سان گېئورگى كرېستى سىزىلغان بولۇپ، مالتا كرېسىتى دەپ ئاتالغان. ئۇ ئېرۇسالىمدىكى چەۋەنداز سان جوننىڭ بەلگىسى. سان جون 1530 - يىلى تۈركىيە سىپرۇس بىلەن رود - ئايلېندىنى زولۇق قىلىپ بېسىۋالغاندا مالتاغا كەلگەن. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە مالتا ئىتتىپاقداش ئارمىيىسىنىڭ بىر ئەزاسى بولغان، ئەنگلىيە مەڭگۈلۈك خاتىرىلەشنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، سان گېئورگى ئوردېنىنى ئالاھىدە مالتاغا تەقدىم قىلغان.
مۇستەقىل بوغان مالتا ئىلگىرىكى ئەنگلىيە دۆلەت گېربى ئورنغا ھازىرقى يۇمىلاق شەكىلدىكى دۆلەت گېربىنى ئىشلەتكەن. يېڭى دۆلەت گېربىگە ئاساسلىقى ئوتتۇرا دېڭىزدا يۈرۈش قىلىۋاتقان بېغىررەڭ ۋە ئاق رەڭلىك بىر بېكىقچىلىق كېمىسى سىزىلغان. كېمىنىڭ باش قىسىمىغا مىسىرنىڭ ئۆسۈملۈك ئىلاھسى بىلەن نىل دەرياسىنىڭ سۇ ئىلاھسى ئۇسناسىنىڭ كۆزى سىزىلىپ، ئىلاھىينىڭ بۇ ئارال دۆلەتتىن چىققان بېلىقچىلىق كېمىسىگە ھەر ۋاقىت دېققەت قىلىدىغانلىقىنى ھەمدە ئۇنى قوغداپ تۇرىدىغانلىقنى بىلدۈرگەن. ياغاچ ئارا بىلەن تۆمۈر كۈرەك دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى بىلدۈرىدۇ. مالتاغا خاس بىر تۈپ يېشىل سېلتىس دەرىخى جۇشقۇنلۇققا ۋە ھاياتىي كۈچكە تولغان. نۇرلۇق قۇياش ئاسماندا نۇر چېچىپ تۇرغان. دۆلەت گېربى ئاستىغا < مالتا جۇمھۇرىيتى > دېگەن خەت يېزىلغان.