Uyghur主要词典
پادا
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مال - چارۋىلارنىڭ ئايرىپ باقىدىغان توپى.
پادا باقاردا دوست ئىدۇق، ياڭاق چاققاندا ئايرىلدۇق. چىشقاق موزاي پادىنى بولغار. پەخەس بول، قورۇغا بۆرە چۈشمىسۇن. باشباينىڭ 30 قورۇ مېلى بار ئىكەنمىش. قاچقاق ئايغىر ئۈيۈرىنى توزۇتار.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
دۆلەت بەلگىلىك قىممەتكە ئىگە قىلىپ تارقاتقان، سادا - سېتىق مۇئامىلىسىدە ۋاسىتىلىك رول ئوينايدىغان قەغەز ياكى مېتال .
«پۇل» ، «ئاقچا» ئەڭ ئاكتپ سۆزلەر.
«تىزا» ئەسلى مىنگونىڭ باشلىرىدا چىقىرىلغان پۇلنىڭ نامى (贴子 ) ، بىزدە ئومۇمەن «پۇل» مەنىسىدە كېلىدۇ.
ئۆلۈمگە تۇتىدىغانمۇ پۇل، ئۆلۈمدىن قۇتقۇزىدىغانمۇ پۇل. پۇل تاپقۇچە، ئەقىل تاپ. پۇل بار چاغدا مېڭى دوست، پۇل يوق چاغدا قېنى دوست؟! ئاقچىغا ئارام يوق. تىزاڭ كۆپەيسە، ئۇيقۇڭ قاچىدۇ. ئالتە تڭگەم بار ئات ئالىمەن، يەتتە تەڭگەم بار نار ئالىمەن. تەڭگىنىڭ كۈچى تىيىنىدا. بىر تىيىننىڭ تايىنى يوق. ياماق ياماپ، يارماق تاپ. كىچىككىنە پىنناس، ئالەمنى كېزىپ تىنماس. ئۇ نېمە؟ (مېتال پۇل)
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
چارۋا ماللارنىڭ بىرگە ھەيدەپ بېقىلىدىغان توپى.
كالا پادىسى.
پادا باققاندا دوست ئىدۇق، ياڭاق چاققاندا ئايرىلدۇق (ماقال).