Uyghur主要词典
ئېگېي مەدەنىيىتى
مەدەنىيەت بۆشۈكلىرى
ئېگېي مەدەنىيىتى يەنە كرىت - مىكېنى مەدەنىيىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بۇ مەدەنىيەت مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى20 - ئەسىردىن12 - ئەسىرگىچە ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى ئېگېي دېڭىزىدىكى ئاراللار، گرېتسىيە يېرىم ئارىلى ۋە كىچىك ئاسىيانىڭ غەربىي قىسمىدا مەۋجۇت بولغان ياۋروپا تۇچ (برونزا) دەۋرى مەدەنىيىتىنى كۆرسىتىدۇ.
ئېگېي مەدەنىيىتىنىڭ بايقىلىشى بىر ئاجايىپ - غارايىپ ئەپسانە ۋە بىر بالىنىڭ بۇ ئەپسانىگە بولغان ئەبەدىي ئېتىقادىنى مەنبە قىلىدۇ. بۇ ئەپسانە يۇناننىڭ ئەما شائىرى ھومېر يازغان »ئىلىئادا« ۋە »ئودىسسا« ئىدى، ھېلىقى بالا كېيىن نامى دۇنياغا تارقالغان گېرمانىيە سودىگىرى سىلېيمان ئىدى. سىلېيمان كىچىك ۋاقتىدىلا ھومېر داستانلىرىغا قىزغىن ئىشتىياق باغلايدۇ ھەمدە داستاندا تەسۋىرلەنگەن تروي ئۇرۇشى قاتارلىق ھېكايىلەر ھەقىقەتەن بولۇپ ئۆتكەن ئىنسانىيەت تارىخى ئىكەنلىكىگە قەتئىي ئىشىنىپ، مۇشۇ جەڭنىڭ خارابىسىنى تېپىشقا ئىرادە باغلايدۇ. ئۇ چوڭ بولغاندىن كېيىن،1870 - يىلى ئۆز خىراجىتى بىلەن بىر قېتىملىق مۆجىزىلىك ئارخېئولوگىيىلىك قېزىش ئېلىپ بارىدۇ. ئۇ ھومېر داستانلىرىدا تەسۋىرلەنگەن تروي شەھىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن قېزىش ئورنىنى بېكىتىدۇ، دەرۋەقە ئۇ شۇ جايدىن بىر قەدىمكى شەھەر خارابىسىنى قېزىپ چىقىدۇ. كېيىن ئارخېئولوگلارنىڭ بايقىشى ئارقىلىق ئېگېي مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ دەسلەپتە كرىت ئارىلىدا بارلىققا كېلىپ، كېيىن گرېتسىيە چوڭ قۇرۇقلۇقى ۋە كىچىك ئاسىياغا تارقالغانلىقى ئىسپاتلاندى.1900
- يىلى، ئەنگلىيىلىك ئارخېئولوگ ئىۋېنىس كنوسسوستا رىۋايەتلەردىكى مىنۇس پادىشاھلىقىنىڭ ئوردىسى (خارابىسى) نى بايقايدۇ. بۇ ئوردا ئىككى گېكتارغا يېقىن يەرنى ئىگىلىگەن بولۇپ، خان ئوردىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر كەڭ ئىچكى ئوردا بار ئىدى، نەچچە يۈز ئېغىز ئۆي ئىچكى ئوردىنى ئوراپ سېلىنغانىدى. ئۆيلەرنىڭ ئارىسىدا ئىنتايىن مۇرەككەپ ياسالغان پەشتاق ۋە كارىدورلار گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ، خۇددى بىر سىرلىق ئوردىغا ئوخشاش ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ يەنە نەچچە مىڭ پارچە يېزىق ئويۇلغان لاي تاختىنى تاپتى. لاي تاختىلاردىكى يېزىقلار يىپسىمان سىزىقچىلاردىن تەركىب تاپقان بولغاچقا، يىسپىمان يېزىق دەپ ئاتالدى.
مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى1700 - يىلىدىن1400 - يىلىغىچە، كرىت مەدەنىيىتى تەرەققىي قىلىپ ئەڭ يۈكسەك پەللىگە يەتكەن. تەخمىنەن مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى1400 - يىلى، كنوسسوس ئوردىسى ۋە ئارالدىكى باشقا ئوردىلار تۇيۇقسىز ۋەيران قىلىنغان، ۋەيران قىلىنىش سەۋەبى تا ھازىرغىچە ئېنىقلانمىدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن كرىت مەدەنىيىتى زاۋاللىققا يۈز تۇتقان، ئېگېي مەدەنىيىتىنىڭ مەركىزى گرېتسىيە يېرىم ئارىلىدىكى مىكىنايغا يۆتكەلگەن.
مىكىناي (مېكىن) مەدەنىيىتى (مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى1580 - يىلىدىن1200 - يىللارغىچە) دە، ئادەمنى ئەڭ ھەيران قالدۇرىدىغىنى − غايەت زور تاشلاردىن قوپۇرۇلغان قەلئەلەر. قەلئەنىڭ ئۇدۇل ئىشىكىنىڭ ئۈستىگە ھەيۋەتلىك ئىككى شىر نەقىشلەنگەن بولغاچقا، شىر قوۋۇقى دەپمۇ ئاتالغان. شىر قوۋۇقى تۆت پارچە غايەت زور تاشنى جىپسىلاشتۇرۇپ ياسالغان. ئەڭ چوڭ تاشنىڭ ئېغىرلىقى20 توننا كېلىدۇ. يىراق قەدىمكى دەۋردىكى ئەجدادلارنىڭ زادى قانداق ئۇسۇل بىلەن مۇشۇنداق چوڭ تاشلارنى يۆتكىگەنلىكى تاكى ھازىرغىچە يەنىلا سىر بولۇپ تۇرماقتا.
رىۋايەتلەردىكى تروي ئۇرۇشى مىكىناي مەدەنىيىتى دەۋرىدە يۈز بەرگەن. ئېيتىشلارغا ئاساسلانغاندا، مىكىناي پادىشاھى ئاگامېمنون سەردارلىقىدىكى يۇنان بىرلەشمە قوشۇنى10 يىل جەڭ قىلىش ئارقىلىق، ئاخىر كىچىك ئاسىيادىكى تروي شەھىرىنى ئىشغال قىلغان. مۇشۇ قېتىملىق ئۇزاققا سوزۇلغان ئۇرۇش مىكىناي مەدەنىيىتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى خورىتىۋەتكەن بولسا كېرەك، ئۇزاق ئۆتمەي، دولىئانلار (ھازىرقى گرېكلارنىڭ ئەجدادى) كەڭ كۆلەمدە جەنۇبقا تاجاۋۇز قىلىپ، مىكىناي مەدەنىيىتىنى ياراتقان شەھەر دۆلەتلىرىنى بىر - بىرلەپ ھالاك قىلغان. مىكىناي مەدەنىيىتى زاۋاللىققا يۈز تۇتقاندىن كېيىن، گرېتسىيە يېرىم ئارىلى يەنە بىر تارىخىي دەۋرگە كىردى.
دۇنيا تارىخى
مىلادىدىن 3000 يىل ئىلگىرىكى يىللاردىن مىلادىدىن 2000 يىل ئىلگىرىكى يىللارغىچە ئېگېي دېڭىزى رايونىغا تارقالغان برونزا دەۋرى مەدنىيىتى. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 70 - 80 - يىللىرىدا گېرمانىيە ئارخېئولوگى سىليېمان <گومېر داستانى> قاتارلىقلاردىكى رىۋايەتلەرنىڭ ئىلھامى بىلەن، كىچىك ئاسىيانىڭ غەربىي شىمالىدىكى قەدىمىي شەھەر ترويا ۋە جەنۇبىي گرېتسىيە (پېلوپوننېس يېرىم ئارىلى) دىكى مىسېنې، تىرىنىس قاتارلىق خارابىلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا قېزىپ، ئۇزاقتىن بۇيان كۆمۈلۈپ كەلگەن ئېگېي مەدەنىيىتىنى دۇنياغا قايتا ئايان قىلغان. ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئەنگلىيە ئارخېئولوگى ئېۋانىس كىرىت ئارىلىدىكى قەدىمىي شەھەر نوسۇسنى قېزىپ، مىنوس خان ئوردىسى قاتارلىق مۇھىم خارابىلەرنى تېپىپ، بۇ مەدەنىيەتنىڭ مەزمونىنى كۆپلەپ تولۇقلىغان. شۇنىڭدىن كېيىن باشقا ئارخېئولوگلارمۇ داۋاملىق قېزىپ، ئېگېي دېڭىزىدىكى ئاراللارغىچە كېڭەيتكەن <>سىكلادى< مەدەنىيىتى دەپ ئاتالغان>. ئېگېي مەدەنىيىتىنىڭ مەركىزى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ كىرىت بىلەن مىسېنېدە بولغانلىقى ئۈچۈن، <كىرىت - مىكناي مەدەنىيىتى> دەپمۇ ئاتالغان. مىلادىدىن 3000 يىل ئىلگىرىكى مەزگىلنىڭ ئاخىرلىرىدا كىرىت ئارىلى مېتال ۋە تاش قوراللار تەڭ ئىشلىتىلىدىغان دەۋر تۇرغان. مىلادىدىن 2000 يىل ئىلگىرىكى مەزگىلنىڭ باشلىرىدا برونزا دەۋرىگە كىرگەن، ئېروگلىف مەيدانغا كەلگەن (تېخى يېشىلمىدى) ھەمدە خېلى زور كۆلەمدىكى ئىمارەتلەر بولغان؛ تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅩⅥ - ⅩⅦ ئەسىرلەردە ۋەيران بولغان (ياكى بوز يەر تەۋرەش سەۋەبى بىلەن). مىلادىدىن 2000 يىل ئىلگىرىكى مەزگىلنىڭ ئوتتۇرلىرىدا كىرىت برونزا دەۋرى تازا روناق تاپقان دەۋرىگە كىرگەن. نوسوس ۋە فائېستودا خېلى ھەيۋەتلىك ئوردا شەكلىدىكى ئىمارەتلەر، تۈرلۈك نەپىس ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرى ۋە سىزىقچە خەت <A> (تېخى يېشىلمىدى) بارلىققا كەلگەن؛ بۇ ھال شۇ چاغدىكى جەمئىيەتنىڭ سىنىپىي جەمئىيەت بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، ئۇنىڭ ئاھالىسىنىڭ تولىسى غەربىي ئاسىيادىن كەلگەن دېگەن قاراش بار. تەخمىنەن مىلادىدىن 1400 يىل ئىلگىرى ۋولقان پارتلاش ئارقىسىدا ۋەيران بولغان بولۇشى مۇمكىن. مىكناي مەدەنىيىتى (ئادەتتە <ھېلادى> مەدەنىيىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) نى مىلادىدىن 2000 يىل ئىلگىرىكى مەزگىلنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ياكاياللار بەرپا قىلغان. ئۇ شۇ دەۋردىكى كىرىت مەدەنىيىتىنىڭ سەۋىيىسىگە ئوخشاپ كېتىدۇ، بىراق ئۇسلۇب جەھەتتە قوپالراق بولغان. پەيلۇس (مېسسېنىيىنىڭ غەربىي قىرغىقى) قاتارلىق جايلاردا نۇرغۇنلىغان سىزىقچە خەت <B> (1952 - يىلى ۋېنترىس ئۇنى يېشىپ مۇۋەپپەقىيەت قازاندى) سېغىز بېتى تېپىلغان. بۇ مىكناي جەمئىيىتىدە قۇللۇق تۈزۈمنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. سىزىقچە يېزىق <B> كرىئو ئارىلىدىنمۇ تېپىلغان، بۇ ھال ئۇنىڭ مىكناي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ زىچلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ؛ ئومۇمەن ھېسابلىنىشچە، بۇ چاغدىكى (مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅩⅤ ئەسىردىكى) كىرىت مىكناينىڭ ئىدارە قىلىشى ئاستىدا بولغان بولۇشى مۇمكىن. تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅺ - Ⅻئەسىرلەردە، دورىئانلار (دوريېسلار)نىڭ جەنۇبقا يۈرۈش قىلىشىغا ئەگىشىپ، مىكناي مەدەنىيىتى نابۇت بولغان. ئېگېي دۇنياسى ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىدىكى مەدەنىيىتىنىڭ مەنبەسى بولغان، ئۇ شەرقتىكى قەدىمىي دۆلەتلەر بىلەن، بولۇپمۇ مىسىر يېڭى پادىشاھلىقى بىلەن قويۇق ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت ئالاقىسى قىلىپ تۇرغان. سىزىقچە يېزىق <B> ئۈستىدىكى تەتقىقاتتىن ئېگېي مەدەنىيىتى (ئاساسەن مىكناي) كېيىنكى ۋاقىتلاردىكى يىراق قەدىمىي يۇنان تارىخىغا روشەن تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ.