Uyghur→Chinese主要词典
سانت گېئورگىيە
دۇنيادىكى شەھەرلەر
圣乔治
shèng qiáo zhì
غەربىي ھىندى تاقىم ئاراللىرىدىكى گرېنادانىڭ پايتەختى ھەم مۇھىم پورتى. بۇ شەھەر گرېنادا ئارىلىنىڭ غەربىي جەنۇبىىنىڭ دېڭىز ياقىسىدىكى سانت گېئورگىيە دەرياسىنىڭ ئوڭ ياقىسىغا جايلاشقان. ئاھالىسى تەخمىنەن 12 مىڭدىن ئاشىدۇ (1981). ئاھالىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى نېگىرلار تەشكىل قىلىدۇ. بۇ شەھەر 1650 - يىلى سېلىنغان. ئۆز ۋاقتىدا ئەنگلىيىگە قاراشلىق ۋىندۋارد ئاراللارنىڭ مەركىزى بولغان. سانت گېئورگىيە كارايىپ دېڭىزى رايونىدىكى ياخشى پورتلارنىڭ بىرى. بۇ پورت ئىچكى پورت ھەم سىرتقى پورت دەپ ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. پورت ئارقىلىق مۇسكات، كاكائو، بانان قاتارلىقلار ئېكسپورت قىلىنىدۇ. شەھەردە شېكەر، ھاراق زاۋۇتى، پالما پىششىقلاپ ئىشلەش، تاماكا ئوراش، قەغەز زاۋۇتى، پالما پىششىقلاپ ئىشلەش، تاماكا ئوراش، قەغەز ئىشلەش، كېمە رېمونت قىلىش قاتارلىق كىچىك تىپتىكى سانائەت ئورۇنلىرى بار. شەھەرنىڭ ساياھەتچىلىك ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان. خەلقئارا ھاۋا قاتناش لېنىيىسى ئارقىلىق ئا ق ش، ئەنگلىيە، ياۋروپا، غەربىي ھىندى تاقىم ئاراللىرىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بېرىش - كېلىش قىلىدۇ.