—参考资料
لورىس مايمۇنى
ھايۋاناتلار دۇنياسى
لورىس مايمۇنى (تۈن مايمۇنى) بىرقەدەر تۆۋەن دەرىجىلىك، كېچىسى پائالىيەت قىلىدىغان مايمۇن بولۇپ، باشقا مايمۇنلارغا ئوخشاش ھەرىكەتچان ئەمەس. ئۇلارنىڭ ھەرىكىتى ئاستا، كۈندۈزى كۆپىنچە دەرەخ كامېرىغا يوشۇرۇنۇۋېلىپ، پۈتۈن تېنىنى توپتەك قىلىپ تۈگۈلۈۋېلىپ تاتلىق ئۇخلايدۇ. چۆچۈتۈپ ئويغىتىۋەتسىمۇ، كۆزلىرىنى ئېچىپ قاراپ قويۇپ، تېنىنى مىدىرلىتىپمۇ قويمايدۇ. قاراڭغۇ چۈشكەندە سىرتقا چىقىپ ياۋا مېۋە، ھاشاراتلارنى يەيدۇ ياكى كىچىك قۇشلارنى ۋە قۇش تۇخۇملىرىنى يەيدۇ. ئوزۇقلۇق تۇتۇش ۋاقتىدا ئوۋغا ئوغرىلىقچە يېقىنلىشىپ، ئۇنىڭ دىققەتسىزلىكىدىن پايدىلىنىپ تۇتۇپ يەيدۇ.
لورىس مايمۇنى ئادەتتە دەرەختە ياشايدۇ، بارماقلىرىدا ئالاھىدە قان ئايلىنىش سىستېمىسى بار بولۇپ، دەرەخ شېخىنى ئۇزۇنغىچە چىڭ تۇتۇپ تۇرالايدۇ؛ كۆزى چوڭ ھەم يۇمىلاق، كۆرۈش سېزىمى ئۆتكۈر، جىسىملارنى قاراڭغۇدا كۆرۈپ پەرق ئېتەلەيدۇ، شۇڭا كېچىسى ھەرىكەت قىلىشقا ماسلاشقان. بىر يېتىلگەن لورىس مايمۇنىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى تەخمىنەن1 كىلوگرام چىقىدۇ، تېنى مۈشۈكتىن سەل كىچىك، قۇيرۇقى بەك قىسقا ھەم تۈكلىرى ئارىسىغا يوشۇرۇنۇپ تۇرىدۇ، بېشى يۇمىلاق، قۇلىقى كىچىك، بۇرۇن - تۇمشۇقى قىسقا، پۈتۈن تېنى قىسقا ھەم قويۇق تۈكلەر بىلەن قاپلانغان. تېنىنىڭ دۈمبىسى ۋە يان تەرىپى قوڭۇر، دۈمبىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر توق قوڭۇر رەڭلىك بويىغا سوزۇلغان يول سىزىقى بولىدۇ، قورساق تەرىپى ئاقۇچ كۈل رەڭ، يۈز قىسمى ئاق، كۆزىنىڭ چۆرىسى قوڭۇر قارا.
لورىس مايمۇنى تروپىك بەلۋاغ ۋە سۇبتروپىك بەلۋاغنىڭ قويۇق ئورمانلىرىدا ياشايدۇ، تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە بالا تۇغىدۇ ۋە باقىدۇ. بوغاز بولۇش مەزگىلى5 −6 ئاي، ھەر قېتىمدا بىرنى تۇغىدۇ.
لورىس مايمۇنىنىڭ دۇنيادا12 تۈرى بار بولۇپ، ئافرىقا ۋە ئاسىيانىڭ شەرقىي جەنۇبىغا تارقالغان. دۆلىتىمىزدە پەقەت يۈننەن بىلەن گۇاڭشىنىڭ قىسمەن جايلىرىغا تارقالغان. دۆلەت بويىچە بىرىنچى دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ھايۋانلار قاتارىغا كىرگۈزۈلدى.