Uyghur→Chinese主要词典
ھاكىملىق ھۆكۈمەت
دۇنيا تارىخى
执政府
zhí zhèng fǔ
فرانسىيىنىڭ ناپولېئون يۇناپارت ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئالدىنقى مەزگىلى (1799 - 1804) دىكى جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىدىكى ھۆكۈمەت. 1799-يىلى تۇمانلىق ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى سىياسىي ئۆزگىرىش تەپتىش ھۆكۈمەت ھۆكۈمرنالىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ئورنىتىپ، ناپولېئون بۇنارپارت، سېيېس، روگېر - دۇكو (1754 - 1618) دىن ئىبارەت ئۈچ كىشى ۋاقىتلىق ھاكىملىققا تەيىنلەنگەن. 12-ئاينىڭ 24-كۈنى جۇمھۇرىيەتنىڭ سەككىزىنچى يىلىدىكى ئاساسىي قانۇن جاكارلىنىپ ھاكىملىق ھۆكۈمەت رەسمىي قۇرۇپ چىقىلىپ، ناپولېئون باش ھكاىملىققا، كامبا سېرېس بىلەن لېبرون ئىككىنچى، ئۈچىنچى ھاكىملىققا تەيىنلەنگەن. جۇمھۇرىيەت شەكلى نامدىلا ساقلاپ قېلىنىپ، ئەمەلىيەتتە ھەربىي مۇستەبىتلىك يولغا قويۇلغان. بىرىنچى ھاكىم پۈتكۈل دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئۆز قولىغا ئالغان. 1802-يىلى 8-ئايدا ئۆمۈرلۈك باش ھاكىملىققا ئۆزگەرتىلگەن. 1804-يىلى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى ئىمپېرىيە تۈزۈمى قۇرۇلغانلىقى جاكارلىنىپ، ھاكىملىق ھۆكۈمەتنىڭ ئورنىنى ئىمپېرىيە ئىگىلىگەن.