Uyghur主要词典
قىپچاق خانلىقى
دۇنيا تارىخى
مۇڭغۇللارنىڭ تۆت چوڭ خاندانلىقىنىڭ بىرى. ئەسلى چىڭگىزخاننىڭ چوڭ ئوغلى جۇجىنىڭ سۇيۇرغال يېرى. دەسلەپ ئارال دېڭىزى ۋە كاسپى دېڭىزىنىڭ شىمالىدىكى رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بۇ ريونلار ئەسلى قىپچاق قەبىلىسى ئولتۇراقلاشقان يەر بولغاچقا شۇنداق دەپ ئاتالغان. ھۆكۈمرانلار ئوردىسىنىڭ قۇببىسى ئالتۇن رەڭلىك بولغانلىقتىن ئالتۇن ئوردا خانلىقى دەپمۇ ئاتالغان. جۇجىنىڭ چوڭ ئوغلى باتوخان 1236 - يىلدىن باشلاپ غەربتە رۇسلارغا ۋە شەرقىي ياۋرۇپاغا يۈرۈش قىلغاندىن كېىيىن 1242 - يىلى ساراينى (ۋولگا دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىغا جايلاشقان) پايتەخت قىلغان. تېررىتورىيىسى شەرقتە ئېرتىش دەرياسى ۋادىسىدىن باشلىنىپ، غەربتە دوناي تۆۋەنكى ئېقىنىغىچە، جەنۇبتا كاپكازغىچە، شىمالدا بۈگۈنكى روسىيە ئىتتىپاقىنىڭ شىمالىي رايونلىرىغىچە سوزۇلغان. باتوخان سىر دەرياسىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى رايونلارنى ئىنىسى ئوردونويۇنغا بېرىپ، ئاق ئوردا خانلىقى دەپ ئاتىغان؛ ئارال دېڭىزىنىڭ شىمالىدىن تارتىپ غەربتە ئورال دەرياسىغىچە بولغان رايونلارنى ئىككىنچى ئىنىسى شەيبانغا بېرىپ كۆك ئوردا خانلىقى دەپ ئاتىغان. قىپچاق خانلىقى برىك تەختتىكى مەزگىللىرى (1257 - 1266) مۇڭغۇل ئىمپېرىيىسىدىن ئايرىلىپ، مۇستەقىل بولغان، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغان ۋە مىسىر بىلەن بىرلىشىپ ئېل خانلىقىغا ھۇجۇم قىلغان، يېڭى پايتەخت ساراي برىكنى قۇرغان (ھازىرقى ۋولگاگراد ئەتراپىدا). 16 - ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ فېئوداللارنىڭ ئىچكى قىسمىدا نىزا بولۇپ، سىنىپىي زىددىيەت ۋە مىللىي زىددىيەت كەسكىنلىشىپ، زاۋاللىققا يۈزلەنگەن. توختامىش (1377 - 1395 - يىللىرىغىچە تەختكە ئولتۇرغان). 1382 - يىلى موسكۋاغا ھۇجۇم قىلغان. 1395 - يىلى پايتەخت ساراي برىك ۋەيران بولغان. كېيىن بىرقانچە مۇستەقىل خانلىققا بۆلۈنۈپ كەتكەن. 1480 - يىلى موسكۋا كىنەزلىكى قىپچاق خانلىقىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولغان. 1502 - يىلى قىپچاق خانلىقى يەنە قىرىم خانلىقى تەرىپىدىن يېڭىلىپ، بارا - بارا يوقالغان.