Uyghur主要词典
خەس
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
قۇرۇق ئوت - چۆپ، پاخال:
ۋاپاسىز، نائەھلى؛ پەس كىشى:
ئىزىلگەن، يانجىلغان؛ يارىلانغان:
1. ئايا غۇنچە كۈلمەكنى قىلما ھەۋەس،
چەمەنزار ئارا مەن كەبى بولما خەس،
ئا. نىزارى.
2.ئۆچۈرمەككە ئاسان ئېرۇر دەر مەھەل،
نە خەسلەرگە بولغاي، نەقۇلغە خەلەل.
ئا. نىزارى.
3. دېدى: شاھزەدە دىلىم خەس ئېرۇر،
بۇ قىلغان كىرامىڭ ماڭا بەس ئېرۇر.
ئا. نىزارى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
چاڭ - توزاڭ، ئەخلەت.
شىۋىلەر
قۇمۇل شىۋىسى
ئەتەي، قەستەن؛ خۇپسەنلىك . مەسىلەن: خەس قىلماق _ خۇپسەنلىك قىلماق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
قۇرۇق ئۆسۈملۈكلەر، قۇرۇق ئوت - چۆپلەر، قۇرۇپ قالغان شاخ - شۇمبىلار؛ چۆپ.
ئانا يۇرتۇڭ بېزىپ سەندىن ئارىغا ئالمىسا بىر كۈن، بولۇرسەن شۇندا بىر تال خەس، نە قالغاي سەندىكى قىممەت.
ئىززىتى، قىممىتى يوق، ئەرزىمەس، خار نەرسە.
بولسا رەھمەتلىك تىرىك، بۇنداق ئازاپ چەكمەس ئىدۇق، كىشىلەرنىڭ ئالدىدا خەس بولۇپ ئۆتمەس ئىدۇق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
بوتانىكا
مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر ياكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. غولى ۋە يوپۇرمىقى كۆكتات قىلىنىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
دىئال. پەقەت بىرلا خىل نەرسىدىن تەركىب تاپقان، باشقا بىر تەركىب ئارىلاشمىغان؛ ساپ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
دىئال رەۋ. ئەتەي، قەستەن.
ئى. خۇپسەنلىك.