Uyghur主要词典
بارچە
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئېنىقلاش ئالماشلىرى، ئىش - ھەرىكەتنىڭ ئومۇمىيلىقىنى ئېنىقلايدۇ.
بايرام بارچىنىڭ، توي تېگىشلىكىنىڭ. ھەممىنى بىلىمەن دېيىش بىرنىمۇ بىلمەسلىك. ھەممە ئىشقا پەم كېرەك، ئۆتۈككە چەم. ھاياتنىڭ پۈتۈن خۇشاللىقى ئىجادىيەتتۇر. ھەممىلا تۇخۇمدىن چۈجە چىقىرىۋەرمەيدۇ. ھەممىلا ئەگرى ياغاچ يا بولىۋەرمەيدۇ. ئاتاقلىق ئۇسسۇل رېژىسسورى ھاجى راخمان ئۆزىنىڭ پۈتكۈل ئۆمرىنى ئۇيغۇر خەلق ئۇسۇلىنى راۋاجلاندۇرۇشقا بېغىشلىغان. موللا ھوشۇرنىڭ بارى شۇ. بار - يوقى بىر بالام _ باش - كۆزى تاز بالام. بارلىق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى كۈنگە مۇھتاج. جىمى ئالەم گۇۋاھ بولسۇن، سەندىن ئۆزگە يارىم يوق.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئېنىقلاش ئالماشلىرى، ئىش - ھەرىكەتنىڭ ئومۇملۇقىنى ئېنىقلايدۇ؛ بارلىق ئادەم ۋە نەرسە.
ھېچكىم، ھېچنېمە
بولۇشسىزلىق ئالمىشى؛ ئىنكار قىلىشنى بىلدۈرىدىغان سۆز. ھېچبىر كىشى، ھېچبىر نەرسە.
ھەممە تۇخۇمدىن چۈجە چىقماس. ھەممە ئەگرى ياغاچ ياي بولماس. ھېچكىم ھېچكىمنى جەننەتكە يېتىلەپ بارماس. ھېچكىم يىلانغا ئۆز كۆكسىدىن جاي بەرمەيدۇ. بارچىنى بىلىمەن دېگەن ھېچنېمىنى بىلمەيدۇ. بايرام بارچىنىڭ، توي تېگىشلىكنىڭ. ھەممە تامنىڭ ئۇلى بار، ھەر ئىشنىڭ يولى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئالماش
بىر خىل تىپتىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى؛ بارلىق، پۈتكۈل.
بارچە ئادەم.