Uyghur→Chinese主要词典
مىسىيە
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
密细亚
mì xì yàDتارىخ
麦西亚
mài xī yàDتارىخ
米细亚
mǐ xì yà
دۇنيا تارىخى
米西亚
mǐ xī yà
قەدىمكى يەر نامى. قەدىمكى رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ بىر مەمۇرىي ئۆلكىسى. دوناي دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا (دوناي دەرياسىنىڭ شىمالى - داكىيە). غەربى ئىللىرىيە ۋە پاننونىيە بىلەن چېگرىداش، جگنۇبى ماكىدونىيە ۋە فراكىيە بىلەن تۇتىشىدۇ، شەرقى ئوكسېن (قارا دېڭىز) دېڭىزىغا تۇتىشىپ تۇرىدۇ، ھازىرقى يۇگوسلاۋىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمى ۋە بۇلغانىيىنىڭ شىمالىي قىسمىغا توغرا كېلىدۇ. بۇ يەردىكى ئاھالىلەر فراك مىللىتىگە تەۋە بولۇپ، رىملىقلار ئۇلارنى مىسىيلار، يۇنانلىقلار مىسىيلار دەپ ئاتىغان، تەخمىنەن مىلادىدىن 29 يىل ئىلگىرى، ئاۋگۇست (ئوكتاۋىئان) ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان مەزگىلىنىڭ دەسلەپكى ۋاقتىدا رىملىقلار تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان؛ مىلادى 6-يىلى بۇ يەردە مەمۇرىي ئۆلكە تەسىس قىلىنغان. 85-يىلى دومېتئان تەختتىكى مەزگىلىدە، دوناي دەرياسىنىڭ تارماق ئېقىمى بولغان كېبوس دەرياسىنى چېگرا قىلغان ھالدا غەربىي يېرىم قىسمى يۇقىرى مىسىيە، شەرقىي يېرىم قىسمى تۆۋەنكى مىسىيە دەپ ئىككى مەمۇرىي بۆلۈنگەن. مىلادى Ⅳ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئىمپېراتور ۋالىنىس ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە، غەربىي گوتلارنىڭ دوناي دەرياسىنىڭ شىمالىدىن ئۆتۈپ، بۇ رايونغا كۆچۈپ كېلىشىگە يول قويغان، كېيىن ئۇلار قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن.