Uyghur主要词典
دۇئا
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
كۆپلۈكى: ئەدئىيە. سالام؛ تىلەك، ئىستەك؛ تەلەپ، مەقسەت؛ خۇدادىن يالۋۇرۇپ ياخشىلىق تىلەش؛ ئۇزاق ئۆمۈر تىلەش:
تۇمار:
1. ئەي، سەبا، يەتكۈز بۈگۈن مەندىن نىگارىمغە دۇئا،
نەچچە ئايدىن ئايرۇ تۈشكەن بەندى تارىمغە دۇئا.
موللا بىلال.
2. ماڭا يازدىڭ دۇئاكىم، ئول پەرىنى كۆرگەمەن ناگاھ،
يازار ئۈچۈن پەرى كۆزگە ئەيان بولغان زەمان تەئۋىز.
نەۋايى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئايەت ياكى ئەپسۇن ئوقۇپ قىلىنغان تىلەك ۋە شۇنداق ھەرىكەت.
ئاتا - ئانا دۇئاسى ئوتقا - سۇغا پاتۇرماس. ئىت دۇئاسى قوبۇل بولسا، ئاسماندىن ئەت ياغار ئىدى. تىلاۋەت قىلدىم، تاپالمىدىم راھەت. بالام ئاللادىن سېنىڭ تېنچ - ئامانلىقىڭنى تىلەپ، دائىم دۇئا - تىلاۋەت قىلىپ تۇرىمەن. دورۇد دۇنيا بەرمەس.
بىئولوگىيە
ئاللادىن بۇ دۇنيالىق ۋە ئاخىرەتلىك بەزى تەلەپلەرنى تىلەپ قىلغان تىلاۋەت بولۇپ، تىلاۋەت ۋە شۇنىڭغا مۇناسىپ ھەرىكەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. دۇئا ئىككى خىل بولۇپ، بىر خىلى، نامازدا دۇئا قىلىنىدۇ. يەنە بىر خىلى، كۈندىلىك تۇرمۇشتا دۇئا قىلىنىدۇ. دۇئانى جامائەت بىلەن ياكى يالغۇز قىلسىمۇ بولىدۇ. كۈن تۇتۇلغاندا، بوۋاق تۇغۇلغاندا، توي قىلغاندا، سەپەرگە چىققاندا، كېسەل يوقلىغاندا، قەبرە تېشىغا بارغاندا، قىيىن ئەھۋالدا قالغاندا، تاماق يېگەندىن كېيىن، ئۇخلاشتىن بۇرۇن ۋە ئورۇندىن تۇرغاندا دۇئا - تىلاۋەت قىلسا بولىدۇ. دۇئا - تىلاۋەتتە كۆپىنچە ئاللاغا زىكرى قىلىدىغان كەلىمىلەر ئوقۇلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن <قۇرئان كەرىم> دىن سۈرىلەرمۇ ئوقۇلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
خۇداغا يېلىنىپ، ئۆزى ۋە باشقىلار ئۈچۈن ياخشىلىق تىلەپ قىلىنغان ئىلتىجا.
دۇئا ئالماق. دۇئا قىلماق.
ياخشى تىلەك، رازىلىق.
خۇجىنىياز ماڭا: - دۇئالىرىنى بەرسىلە باي دادا، مەن بۇ يەردىن كېتىۋالاي، - دېدى.
پاتىھە قىلغاندا ئوقۇلىدىغان قۇرئان سۈرىسى.
موللا نىياز پاتىھە دۇئاسىنى ئوقۇغاندىن كېيىن قويچىدىن ھال - ئەھۋال سورىدى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
دۇگا
چاقىرماق، دۇئا قىلماق (بۇ يەردە دۇئانىڭ ئۇلۇغلىقى كۆزدە تۇتۇلىدۇ)