Uyghur主要词典
خاراب
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بۇزۇلۇپ _ چېچىلىپ تۈگىمەك، چۈشكۈن، ھالى قىس.
قولۇڭدا خاراب بولمىسا ياۋ ئەگەر، ئۇنى سۇغا چۆكۈرسۇن ئىلمىي ھۈنەر. ئويلىمىغاننىڭ تەكتى ۋەيران، ئىككى خوتۇنلۇقنىڭ ئۆيى ۋەيران. مەن ئىشەنگەچكە كىشلەرگە، سۆزلەرگە ئىشەنچ تىلەپ ئادا بولدۇم.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
پارىسچە
بۇزۇلغان؛ چېقىلغان؛ بۇزۇلۇپ تاشلانغان؛ ۋەيران، نابۇت.
خاراب شەھەر. خاراب ئۆي. خاراب قىلماق.
مەدەنىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن چۈشكۈنلۈككە ئۇچرىغان، زاۋاللىققا يۈز تۇتقان؛ تۇرمۇشى، كۈنى، ھال - ئەھۋالى قىيىن.
كونا جەمئىيەتتە خەلقنىڭ تۇرمۇشى خاراب ئىدى.