—参考资料
لامپا
فىزىكا بىلىملىرى
سايە (كۆلەڭگە) يورۇقلۇق جىسىمغا چۈشكەندە شەكىللىنىدۇ. يەر شارىدىكى ھەرقايسى جايلاردا سايە ئوخشاش بولمايدۇ. شىمالىي قۇتۇپ چەمبىرىكىدىكى سايىنىڭ «چوڭ ئادەملەر دۆلىتى» بولۇشى، ئۇ يەردە قۇياش نۇرى يانتۇ چۈشىدىغانلىقى ئۈچۈن، سايە پايانسىز قارلىق دالىدا ناھايىتى يىراقلارغا ئۇزىراپ چۈشىدۇ، ئېكۋاتوردىكى يەرلەر سايىسىنىڭ »كىچىك ئادەملەر دۆلىتى« بولۇشى، ئۇ يەردە قۇياش يۇقىرى ئاسمان بوشلۇقىدا ئېسىلىپ تۇرغاندەك بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، سايە ئىنتايىن كىچىكلەپ كېتىدۇ.
لامپۇچكا يورۇقلۇقىدىكى سايىنى تەپسىلىي كۆزەتسەك، سايىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىنىڭ ئالاھىدە قاراڭغۇ، ئەتراپى سۇسراق بولىدىغانلىقىنى بايقايمىز. سايىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئالاھىدە قاراڭغۇ قىسمى تولۇق سايە دەپ ئاتىلىدۇ. ئەتراپىدىكى سۇس قىسمى يېرىم سايە دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ ھادىسىلەرنىڭ پەيدا بولۇشى يورۇقلۇقنىڭ تۈز سىزىق بويىچە تارقىلىشىغا زىچ مۇناسىۋەتلىك.
ئەگەر سىلىندىر شەكىللىك بىر چاي قۇتىسىنى ئۈستەلگە قويۇپ، ئۇنىڭ يېنىغا بىر تال شامنى ياندۇرۇپ قويساق، چاي قۇتىسىنىڭ ئېنىق سايىسى چۈشىدۇ. ئەگەر چاي قۇتىسىنىڭ يېنىغا ئىككى تال شامنى ياندۇرۇپ قويساق، ئۆزئارا قاتلانغان، ئەمما ئۈستمۇئۈست چۈشمىگەن ئىككى سايە ھاسىل بولىدۇ. ئىككى سايىنىڭ قاتلانغان قىسمىغا نۇر چۈشمىگەچكە، پۈتۈنلەي قاراڭغۇ بولىدۇ، مانا بۇ تولۇق سايىدىن ئىبارەت؛ تولۇق سايىنىڭ يېنىدىكى پەقەت بىر تال شامنىڭ نۇرى چۈشكەن جاي يېرىم يورۇق، يېرىم خىرە بولغان يېرىم سايىدىن ئىبارەت. ئەگەر ئۈچ تال شام، ھەتتا تۆت تال شامنى ياندۇرساق، تولۇق سايە قىسمى تەدرىجىي كىچىكلەپ، يېرىم سايە قىسمىدا نۇرغۇن قەۋەتلەر بارلىققا كېلىدۇ. جىسىمنىڭ لامپا يورۇقلۇقىدا ھاسىل قىلغان تولۇق سايىسى ۋە يېرىم سايىسىدىن شەكىللەنگەن سايىنىڭ پرىنسىپىمۇ مۇشۇنىڭدا. لامپۇچكىنىڭ ئېگىلگەن بىر تال لامپا قىلىدىن چىقارغان يورۇقلۇقى بىر نۇقتا بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. بۇ بىر نۇقتىدىن چۈشكەن نۇر جىسىم تەرىپىدىن توسۇلۇپ قالسا، يەنە باشقا نۇقتىلاردىن كەلگەن نۇرلارنىڭ جىسىم تەرىپىدىن پۈتۈنلەي توسۇلۇپ قېلىشى ناتايىن. روشەنكى، يورۇقلۇق چىقارغۇچى جىسىمنىڭ يۈزى قانچە چوڭ بولسا، تولۇق سايىسىمۇ شۇنچە كىچىك بولىدۇ. ئەگەر بىز يۇقىرىدا سۆزلىگەن چاي قۇتىسىنىڭ ئەتراپىغا بىر ئايلاندۇرۇپ شاملارنى ياندۇرساق، بۇ چاغدا تولۇق سايە پۈتۈنلەي يوقاپ كېتىدۇ، يېرىم سايىمۇ سۇسلىشىپ كۆرۈنمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ.
ئالىملار يۇقىرىدا بايان قىلىنغان پرىنسىپقا ئاساسەن، ئوپېراتسىيىدە ئىشلىتىلىدىغان سايىسىز لامپىلارنى ياساپ چىقتى. ئۇنىڭدا يورۇقلۇق كۈچى ناھايىتى كۈچلۈك بولغان لامپىلارنى لامپا دىسكىسىغا چەمبەر شەكلىدە تىزىش ئارقىلىق، بىر چوڭ كۆلەملىك (يۈزلۈك) يورۇقلۇق مەنبەسى بىرىكتۈرۈپ چىقىرىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، نۇرلار ئوخشىمىغان بۇلۇڭدىن ئوپېراتسىيە سۇپىسىغا چۈشىدۇ - دە، ئوپېراتسىيە قىلىشتىكى كۆرۈش دائىرىسىنىڭ يېتەرلىك يورۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە روشەن تولۇق سايە ھاسىل بولمايدۇ، شۇڭا بۇ سايىسىز لامپا دەپ ئاتىلىدۇ.