Uyghur→Chinese主要词典
چالجىيە
دۇنيا تارىخى
条支
tiáo zhī
غەربىي ئاسىيادىكى قەدىمكى دۆلەت ۋە يەرجاي نامى. <تارىخنامە>، <خەننامە>، <كېيىنكى خەننامە> لەردە خاتىرلىنىشىچە، ئارساك (پارفىيە) نىڭ غەربىگە جايلاشقان بولۇپ غەربىي دېڭىز (ھازىرقى پېرسىيە قولتۇقى) غا تۇتىشىپ، ھازىرقى ئىراققا توغرا كېلىدۇ. يەنى سېلېۋكىيە پادىشاھلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مىلادىدىن 312 يىل ئىلگىرى ئالېكساندرنى سەرەردىسى سېلېۋىك Ⅰ تەرىپىدىن بەرپا قىلىنغان. گۈللەنگەن مەزگىلىدە زېمىنى ئاناتولىيىنىڭ شەرقىي قىسمى، شىمالىي سۈرىيە، مېسوپوتامىيە ۋادىسى ۋە ئىران ئېگىزلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئۇنىڭ پايتەختى ئىككى بولۇپ، بىرى تېگىر (دەجلە) دەرياسى بويىدىكى سېلېۋكىيە، يەنە بىرى ئورونت دەرياسى بويىدىكى ئانتاكىيە. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅲ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا باكتېرىيە بىلەن ئاراسك (پارفىيە ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ مۇستەقىل بولغان. زېمىنى كۈنسېرى كىچىكلەپ بارغان. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅰ ئەسرگە كەلگەندە زېمىندىن پەقەت سۈرىيە، فىنكىيە ۋە ئۇنىڭغا تۇتاش بولغان كىچىك ئاسىيانىڭ شەرقىي جەنۇبىي بۇرجىكىلا قالغان. مىلادىدىن 64 يىل ئىلگىرى رىم تەرىپىدىن يوقىتىلغان. خاتىرىلىنىشچە، خەن خېدىنىڭ يۇڭيۇەن 9-يىلى )مىلادى 97-يىلى( غەربىي يۇرت قورۇقچىبېگى بە چاۋ گەن يىڭنى داكچىن )رىم( غا ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن. گەن يىڭ چالجىيىگىچە بېرىپ دېڭىزغا توسۇلۇپ قېلىپ قايتىپ كەلگەن. ساسسانىلار پېرسىيىسى )226 - 651 - يىللىرى( گۈللەنگەندىن كېيىن، چالجىيىنىڭ بۇرۇنقى زېمىنىنى باشقۇرۇپ كەلگەن، شۇ سەۋەبتىن <ۋىينامە. غەربىي يۇرت تەزكىرىسى> دە پېرسىيىنى قەدىمكى چالجىيە ئىلى دەپ ئاتىغان.