Uyghur主要词典
ئاق تەسۋىر
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
ئەسلىدە جۇڭگوچە رەسىم سىزىش ئۇسۇللىرىنىڭ بىرسى بولۇپ، قارا بوياق بىلەنلا نەرسىلەرنى سىزىپ كۆرسىتىدىغان، ھەر خىل بوياق ئىشلەتمەيدىغان بىر خىل رەسىم تۈرىنى كۆرسىتەتتى. بۇ ئۇسۇل كۆپرەك ئادەم ۋە گۈل - گىيالارنى سىزغاندا قوللىنىلغان. ھازىر ئۇ ئەدەبىي ئىجادىيەتتىكى بىر خىل ئىپادىلەش ئۇسۇلى سۈپىتىدىمۇ كەڭ قوللىنىلماقتا. يەنى، كۆپتۈرۈش، ئاشۇرۇش ۋاستىلىرىنى كۆپ قوللانماي، تەسۋىرلەش ئوبيېكتىنىڭ ئالاھىدىىكلىرىنى ئەڭ قىسقا، ئاز قەلەم بىلەنلا ئىپادىلەپ روشەن، جانلىق ئوبرازنى سۈرەتلەش ئاق تەسۋىر دېيىلىدۇ. لۇشۈن <ئاق تەسۋىر> نى تەشەببۇس قىلغان. ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئارتۇقچىلىقى شۇكى، قىسقا، ئىخچام، جانلىق بولىدۇ، <نان تېگىدىغان> گەپنىلا قىىدۇ.