Uyghur主要词典
قىزارماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
قىزىل ياكى شۇنىڭغا يېقىن تۈس ئالماق؛ قىزىل ياكى شۇنىڭغا مايىل رەڭگە، تۈسكە كىرمەك.
ئۇ مۇسەللەس ئىچسىلا يۈزى قىزىرىدۇ.
كۆچمە. ناتوغرا ئىش - ھەرىكىتى، قىلمىشى، گەپ - سۆزى، ئەيىبى، كەمچىلىكى ۋە باشقىلار تۈپەيلى بىر كىم ئالدىدا قاتتىق خىجالەت تارتماق، ئوڭايسىزلانماق، ئۇيالماق.
تۇراخان بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ۋىللىدە قىزاردى.
كۆچمە.ئاچچىقى كەلمەك، خاپا بولماق، ئاچچىقلانماق.
نېمانچە قىزىرىسەن، بولدى قىزارما.