English→Uyghur主要词典
Georgia
دۇنيادىكى دۆلەتلەر
ئاسىيا
The Republic of Georgia
گىرۇزىيە
قوغدىغۇچى ئىلاھ
سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىرى. سىرتقى كاۋكازنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان، غەربىي قارا دېڭىز سۈيى بىلەن يۇيۇلۇپ تۇرىدۇ، قۇرۇقلۇقتا روسىيە فېدېراتسىيىسى، ئەزەربەيجان، ئەرمىنىيە جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن، غەربىي جەنۇبى تۈركىيە بىلەن چېگرىلىنىدۇ. مەيدانى 69 مىڭ 700 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاھالىسى 5 مىليون 203 مىڭدىن ئاشىدۇ (1985)، گرۇزىن مىللىتى ئاھالىنىڭ 3/5 قىسمىنى ئىگىلەيدۇ، ئۇنىڭدىن قالسا رۇس، ئەرمەن قاتارلىق مىللەتلەر بار. مەركىزى تىبلىس شەھرى. گرۇزىيىنىڭ 2/3 قىسىم يېرى تاغلىق، كۆپ قىسىم تاغلىقلارنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1000 مېتىردىن ئاشىدۇ، غەربىي جەنۇب دېڭىز قىرغاقلىرىدا تۈزلەڭلىكلەر بار، بۇنىڭ ئىچىدە كۇرا دەريا ۋادىسى بىلەن رېئونى دەريا ۋادىسى تۈزلەڭلىكلىرى چوڭراق. ئىقلىمى يەر ۋەزىيىتىنىڭ تىك يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە قاراپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. دېڭىز قىرغاق رايونلىرى سۇبتروپىك ئىقلىم تىپىغا، ئېگىز تاغلىقلىرى تاغلىق ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ. ئېگىز تاغلىرىنى يىل بويى قار ھەم مۇزلۇقلار قاپلاپ تۇرىدۇ. يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى غەربىي قىسمىدا 1000-3000 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ، شەرقىي قىسمىدا 300-800 مىللىمېتىر ئارىلىقىدا بولىدۇ. گرۇزىيە 19 - ئەسىردە چارروسىيە بىلەن بىرلەشكەن، 1921 - يىلى سوۋېت ھاكىمىيىتى قۇرۇلغان. 1922 - يىلى ئەرمىنىيە، ئەزەربەيجانلار بىلەن سىرتقى كاۋكاز سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەت بولۇپ قۇرۇلغان. شۇ يىلى 12 - ئايدا سوۋېت ئىتتىپاقى تەركىبىگە كىرگەن. 1936 - يىلى گرۇزىيە سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى بولۇپ قۇرۇلغان. گرۇزىيە سۇبتروپىك بەلباغ زىرائەتلىرىنى ئۆستۈرۈشتە سوۋېت ئىتتىپاقى بويىچە ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. لىمون ۋە چاي مەھسۇلاتى جەھەتتە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شۇ ىىل مەھسۇلاتلىرىنىڭ 99% ۋە 95% تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ. ئۈزۈم، پىلە، تاماكا ئۆسۈملۈكلىرىنى ئۆستۈرۈشتە خېلى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. سانائەتتە ماشىنىسازلىق (ئېلېكتر ئېنېرگىيە ماشىنىلىرى، يۈك ئاپتوموبىلى)، پولات - تۆمۈر، توقۇمىچىلىق سانائەتلىرى خېلى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. سىرتقى كاۋكاز تۆمۈر يولى پۈتۈن جۇمھۇرىيەتنى ئايلىنىپ ئۆتىدۇ. قۇرۇقلۇق، دېڭىز قاتنىشى قولاي، قارا دېڭىز بويىدىكى باتۇمى، سوخامى، گورى شەھەرلىرى مۇھىم شەھەر ھېسابلىنىدۇ.
گرۇزىيىنىڭ تولۇق نامى <گروزىيە جۇمھۇرىيىتى> بولۇپ، تاشقى كاۋكازنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان، غەربى قارا دېڭىز بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ، ئاسىيا - ياۋرۇپا ئىككى چوڭ قىتئەنىڭ تۇتاشقان جايىغا جايلاشقان. دۆلەت نامى مىللەت نامىدىن، مىللەت نامى شەخس نامى <گىئورزى> دىن كەلگەن بولۇپ، ئادەتتە بۇ نام خرىستىئان رىۋايەتلىرىدىكى مۇقەددەس گىئورزى بۇبدونىسكىنىڭ ئىسمىدىن كەلگەن دەپ قارىلىدۇ. رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشچە، ئۇ گرۇزىيىنىڭ قوغدىغۇچى ئىلاھى ئىمىش. گرۇزىيىدىكى ئەسلى ئاھالىلەرنى مىلادىنىڭ ئالدى - كەينىدە جەنۇبىي كاۋكاز رايونلىرىدا ئولتۇراقلاشقان كېرىتلار، سۋانلار ۋە مانگالورلارغىچە سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ. بۇ جايدا مىلادى 4 - ئەسىردىن 6 - ئەسىرگىچە فىئوداللىق دۆلەتلەر قۇرۇلۇپ، گرۇزىن مىللىتى شەكىللەنگەن. 11 - ئەسىردىن 13 - ئەسىرگىچە بىرلىككە كەلگەن مەركىزىي ھاكىمىيەت دۆلەتلىرى (ھوقۇق مەركەزگە مەركەزلەشكەن دۆلەتلەر) قۇرۇلغان؛ 13 - ئەسىردىن 14 - ئەسىرگىچە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ تاتارلار ؟؟ ۋە تېمور ئىمپېرىيىسىنىڭ ؟؟ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغان، كېيىن ئىران، تۈركىيىلەرنىڭ ھۈكۈمرانلىقىدا بولغان؛ 15 - ئەسىردىن 17 - ئەسىرگىچە گرۇزىيىدە نۇرغۇن كېنەزلىك ۋە پادىشاھلار قورۇلغان بولۇپ، 1801 - يىلدىن 1864 - يىلغىچە ھەر قايسى كېنەزلىكلەر ئىلگىرى - كېيىن رۇس ئىمپېرىيىسىگە قوشۇۋېلىنغان. 1921 - يىلى 2 - ئاينىڭ 25 - كۈنى گروزىيە سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇپ، 1922 - يىلى 3 ـ ئاينىڭ 12 - كۈنى تاشقى كاۋكاز سوۋېت سوتسىيالىستىك فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتىگە قوشۇلغان، 1936 - يىلى 12 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەت سۈپىتىدە سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئەزا بولغان. 1991 - يىلى 4 - ئاينىڭ 9 - كۈنى ئومۇمىي خەلق سايلىمىدىن كېيىن مۇستەقىللىق جاكارلىنىپ، گرۇزىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان.
گرۇزىيىنىڭ يەر مەيدانى 69.7 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 5 مىليون 493 مىڭ، گروزىيىلىكلەر 81%نى، ئەرمەنلەر 8%نى، رۇس ۋە ئەزەربەيجانلار ھەر بىرى 6%نى تەشكىل قىلىدۇ. گرۇزىن تىلى دۆلەت تىلى. گرۇزىنلار پراۋۇسلاۋىيە دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. پايتەختى تىبلىس.
مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 6-ئەسىردە گرۇزىيە رايونىدا كورسدا پادىشاھلىقى بارلىققا كەلگەن. 8- ئەسىردىن كېيىن ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ كاخېتىمىيە، ئېليېجك قاتارلىق فېئوداللىق بەگلىكى ۋە ئابخاز پادىشاھلىقى قۇرۇلغان. 1555- يىلى ئىران بىلەن تۈركىيە زاكاۋكازىيې رايونىدىكى بۇ دۆلەتنى بۆلۈشۈۋالغان. 1783- يىلى روسىىنىڭ ھىمايىسى ئاستىدىكى دۆلەتكە ئايلانغان. 1936- يىلى گرۇزىيە ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيتى سۈپىتىدە سوۋېت ئىتتىپاقىغا كىرگەن. 1991- يىل ئاپرېلدا گرۇزىيە مۇستەقىللىق جىتابنامىسنى ماقۇللاپ، سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ رەسمىي مۇستەقىل بولغان.
گرۇزىيە جۇمھۇرىيتىنىڭ دۆلەت بايرىقى تېگى بېغىررەڭ، سول ئۈستى بۇلۇڭدا پاراللېل قار ۋە ئاق بەلدەم بولۇپ، بايراق ئۇزۇنلۇقىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى، كەڭلىكنىڭ ئىككىدىن بىر قىسمىنى ئىگەلەيدۇ. بېغىررەڭ گېرۇز مىللىتىگە ۋەكىللىك قىلدىغان رەڭ بولۇپ، قەدىمكى زاماندىلا بىر قىزىل بايراقنى دۆلىتىنىڭ بەلگىسى قىلغان؛ بېغىررەڭ قەھرىمان گرۇزىنلارنىڭ ۋەتەننىڭ ئەركىنلىكى ۋە ئززەت- ئابرۇيى ئۈچۈن قۇربان بېرشكە جۈرئەت قىلىدىغان پىداكارانە رۇھىنىڭ تەسۋىردۇر. قارا ۋە ئاق رەڭ قەدىمكى ئابخاز پادىشاھلىق دۆلىتىنىڭ بايرىقىدىكى رەڭ بولۇپ، گرۇزىيىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيانقى ئۆزگىرىپ تۇرغان ۋەقەلەر نامايان قىلىنغان بولۇپ، گرۇزىيە تارىخىنىڭ شاھىتى ۋە ئىخچام كۆرۈنۈشىدۇ.
دۆلەت گېربى بېغىررەڭ يەتتە بۇرجەكلىك يۇلتۇز بولۇپ، قۇياش، ئاي ۋە سەككىز بۇرجەكلىك يۇلتۇز بىلەن بېزەلگەن ئاسمان ئاستىدا مىللىي قەھرىمان جتېر گرئىورىچ ئاق ئاتنى مىنىپ، ئېگىز تاغنىڭ چوققىسىد چاپقان. قەھرىمان گرئىورىچ ئۇچىسىدا ئاق جەڭ تونى ۋە ساۋۇت بولۇپ، ئوڭ قولىدا نەيزە، سول قولىدا قالقان تۇتقان. ئۇزاق يىللاردىن بۇيان گرئىورىچ ئىزچىل گرۇزىيە مىللىتىنىڭ بامەيەندىسى بولۇپ، ھازىر دۆلەت ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مۇستەقىللىقنىڭ سىمۋولىغا ئايلانغان.