Uyghur主要词典
تارمار
مەنىداش سۆزلۈكلەر
پۈتۈنلەي يوق بولماق (قىلماق)، پاچاقلاپ تاشلىماق.
«قىلماق»، «بولماق»، لار بىلەن پېئىللىشىدۇ.
ساختىپەزنىڭ گۇم بولمىغىنى يوق. يالغانغا ئىشەنگەن ھەقىقەت ئالدىدا گۇمران بولار. دۈشمەننىڭ سۇيىقەستلىك پىلانى ھىيلىسى كۇمپەيكۇم قىلىندى. ھوشۇڭنى تاپ، بولمىسا، ھەقىقەت گۈرزىسى كۇكۇم - تالقا قىلۋېتىدۇ. كىشىگە قەست قىلماقچى بولغان يەر بىلەن يەكسان بولسۇن. دۈشمەنلەر قاتتىق زەربىدىن تىرىپىرەن بولۇپ قاچتى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
رەۋىش
پارىسچە
<بولماق، قىلماق، ئەيلىمەك> پېئىللىرى بىلەن بىللە كېلىپ، <مەغلۇپ، ھالاك> مەنىلىرىنى بېرىدۇ.
تارمار قىلماق، تارمار بولماق، تارمار ئەيلىمەك