English→Uyghur主要词典
Poles
دۇنيادىكى مىللەتلەر
پولەكلەر
پولەكلەر پولشادا ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەت بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسى 46 مىليون 90 مىڭ، ئۇلارنىڭ 85 پىرسەنتى پولشادا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. پولشادىكى نوپۇسى 36 مىليوندىن كۆپرەك بولۇپ، مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 98 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. قالغان 15 پىرسەنتى ئامېرىكا (8 مىليون 500 مىڭ)، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى (1 مىليون 355 مىڭ)، فرانسىيە (750 مىڭ)، كانادا (370 مىڭ)، ئارگېنتىنا (120 مىڭ)، برازىلىيە (400 مىڭ)، ئەنگىلىيە (150 مىڭ)، گېرمانىيە (138 مىڭ)، چېخىيە (68 مىڭ)، ئاۋىسترالىيە قاتارلىق ئەللەردە تارقاق ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسى 12 مىليوندىن كۆپرەك.
پولەكلەر ياۋروپا ئىرقىنىڭ ئاتلانتىك ئوكيان - بالتىق دېڭىزى تىپى بىلەن ئالىپ تىپى ئارىسىدىكى ئۆتكۈنچى تىپقا ياكى ئوتتۇرا ياۋروپا تىپىغا كىرىدۇ. ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسى سىلاۋيان تىللىرى گۇرۇپپىسغا تەۋە پولەك تىلىنىڭ بەش خىل دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ؛ لاتىن ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى مىللىي يېزىقى بار.
پولەكلەردە كاتولىك چېركاۋىنىڭ تەسىرى كۈچلۈك بولۇپ، ئاھالىسىنىڭ 95 پىرسەنتى كاتولىك دىنىغا، ئاز بىر قىسمى پروتېستانتىزمغا ئېتىقاد قىلىدۇ.
پولەكلەرنىڭ كۆپىنچىسى دېھقانچىلىق ۋە سانائەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ؛ دېھقانچىلىقتا بۇغداي، قارا بۇغداي، ئارپا، ياڭيۇ، قىزىلچا قاتارلىق زىرائەتلەر تېرىلىدۇ ۋە مېۋە - چېۋە يېتىشتۈرىلىدۇ؛ چارۋىچىلىقتا كالا، قوي، چوشقا بېقىش ئاساس قىلىنىدۇ. سانائىتى كۆمۈر، پولات - تۆمۈر، رەڭلىك مېتال، كېمىسازلىق، خىمىيە، ماشىنسازلىق، كىيىم - كېچەك قاتارلىق سانائەت تارماقلىرىنى ئاساس قىلىدۇ.
پولەكلەرنىڭ ئەجدادلىرى قەدىمكى غەربىي سىلاۋيان قەبىلىلىرىنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ، ئادەتتە چوڭ پولەكلەر، لەنكىچانلار، شېرازلار، كىچىك پولەكلەر، مازورىلار ۋە پومورۇيلار قاتارلىق مەھەللىۋى گۇرۇھلارغا بۆلۈنىدۇ. ئۇلار Ⅸ ئەسىرنىڭ ئاخىرى، Ⅹ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئۆزئارا ئۇرۇش قىلىش ياكى بىرلىشىش ئارقىلىق بەزى فېئودال كىنەزلىكلەرنى بەرپا قىلغان. Ⅹ ئەسىرنىڭ ئاخىرى، Ⅺ ئەسىرنىڭ بېشىدا بىرلىككە كەلگەن پولشا دۆلىتى شەكىللىنىپ، ئۇنىڭ پۇقرالىرى ئۆزىنى <پولەكلەر> دەپ ئاتىغان.
پولەكلەرنىڭ ھېيت - ئايەملىرى كۆپ بولۇپ، 30 نەچچىگە يېتىپ بارىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە مول - ھوسۇل بايرىمى، پاسخا بايرىمى، بۈۋىمەريەمنىڭ ئەرشكە چىقىش بايرىمى، <سىبوسكا بايرىمى>، روژدېستۋو بايرىمى، دەريا پانۇس بايرىمى، دېھقانلار بايرىمى قاتارلىق ئەنئەنىۋى ھېيت - ئايەملىرى بار. پولەكلەر قىزغىن، خۇشخۇي، ئاقكۆڭۈل ھەم ئەدەپ - قائىدىلىك، مېھماندوست كېلىدۇ، جامائەت سورۇنلىرىدا سۈرەن - چوقان سالمايدۇ، كىشلەرگە قول ئىشارىتى قىلمايدۇ، ئاياللارنى ھۈرمەتلەيدۇ، ئۇلارغا يول بېرىدۇ. ئۆيگە كىرگەندە شىلەپىسىنى ئېلىپ كىرىدۇ. مېھماننى ئېسىل تائام ۋە ھاراق - قەھۋە بىلەن سەمىمىي كۈتىۋالىدۇ.
پولەكلەر ئۇزاق مەدەنىيەت تارىخىغا ئىگە مىللەت. ئوتتۇرا ۋە يېقىنقى زامان تارىخىدا پولەكلەر ئىچىدىن مەشھۇر ئاسترونوم كوپېرنىڭ (1473 - 1534)، شائىر مىگولاي لىئى، ئەدىب برونوۋىسكى، يانسىكى، مىسكېۋىچ، ناتىق ئاندىرى ۋىلىچ موژىۋسكى، كومپوزېتور شوپىن، فىزىكا ئالىمى كىيۇرىي خانىم قاتارلىقلار ئۆتكەن.
پولەكلەر مۇزىكىغا ھېرىسمەن مىللەت. پولەكلەر ئارىسىدا كەڭ تارقالغان <مازوركا>، <پوگىنىس> قاتارلىق خەلق ئۇسسۇل مۇزىكىلىرى Ⅹ[KG-*2]Ⅷ ئەسىردە ياۋروپا تارقىلىپ، كېيىن دۇنياغا مەشھۇر ئون چوڭ تانسا مۇزىكىسىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.
پولەكلەر <13> ساندىن ھەزەر ئەيلەيدۇ، جۈمە كۈنى چوشقا گۆشى ئىستېمال قىلمايدۇ، ھەر خىل مەرىكە ۋە مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزمەيدۇ، بىر - بىرىگە قىزىل گۈل، جۇخۇا گۈل ۋە تىكەنلىك پىشەكگۈل تەقدىم قىلمايدۇ، گۈل تەقدىم قىلغاندا چوقۇم تاق بولۇش كېرەك، چۈنكى بىر جۈپ قىزىل گۈل ئىششىق - مۇھەببەت ئىزھار قىلىشتىن دېرەك بېرىدۇ.
پولەكلەر بۈركۈتنى مىللەتنىڭ كۈچ - قۇدرىتىنىڭ سىمۋولى، دۆلەر قۇشى، كېپىنەك گۈلنى مىللەت گۈلى دەپ ئالاھىدە قەدىرلەيدۇ.