Uyghur主要词典
ساپان
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يەر ئاغدۇرۇشتا ئىشلىتىلىدىغان، چۆيۈن چىشلىق ئاددىي دېھقانچىلىق سايمانلىرى.
ساپان سالغان يەر ساندا بار. قوشتىن چىقىرىپ، سۆرەمگە ساپتۇ. سوقا دېھقاننىڭ ئىشەنچىلىك دوستى. بۇقۇسىدىن تېخى قۇتۇلالمىدۇق _ دەيدۇ دېھقان، _ خەقلەر تۆمۈر سوقىنى تراكتورغا سۆرىتىپ، يەر ھەيدىشىۋاتىدۇ.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ساپان، قوش.
1 - 523
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تېرىقچىلىق، يەر تېرىش. ماقالدا مۇنداق كەلگەن: ساپاندا ساندىرىش بولسا ئۆرتكۈندە ئىرتەش بولماس _ ساپان ۋاقتىدا پۇختىلىق بولسا، خامان ۋاقتىدا جاڭجال بولماس. بۇ ماقال كېيىن جاڭجال چىقماسلىقى ئۈچۈن، ئىشنى باشتا پىششىق ئىشلەش لازىملىقىغا ئۈندەپ ئېيتىلىدۇ.
1 - 523
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
يەر ئاغدۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل دېھقانچىلىق سايمىنى. ئۇنىڭ خىللىرى كۆپ بولىدۇ، بەزىلىرى ئۇلاغلارغا، بەزىلىرى تراكتور قاتارلىقلارغا سۆرىتىلىپ، يەر ئاغدۇرۇلىدۇ.