English→Uyghur主要词典
Kirghiz
دۇنيادىكى مىللەتلەر
قىرغىزلار
قىزغىزلار قىرغىزىستان جۇمھۇرىيتىدە ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەت، جۈملىدىن ئېلىمىزنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونىدا ياشىغۇچى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى. ئومۇمىي نوپۇسى 2 مىليون 870 مىڭ بولۇپ، ئۇنىڭ 2 مىليون 110 مىڭى قىرغىزىستان جومھۇرىتىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. قىرغىزلار جۇمھۇرىيەت ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 52 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ؛ قالغان قىسمى ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان، قازاقىستان، ئاففانىستان، ئىئوردانىيە، تۈركىيە ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى (141 مىڭ) قاتارلىق ئەللەر ۋە رايونلاردا تارقاق ئولتۇراقلاشقان.
قىرغىزلار موڭغۇل ئىرقىنىڭ جەنۇبىي سىبىر تىپىغا كىرىدۇ؛ ئالتاي تىللىرى سىستېمىسى تۈركىي تىللار گۇرۇپپىسى شەرقىي ھۇن تىللىرى (قىپچاق تىللىرى) تارمىقىغا تەۋە قىرغىز تىلىنىڭ ئۈچ چوڭ دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ.
قىرغىزلار ئاساسەن ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ.
قىرغىزلار چارۋىچىلىق قوشۇمچە دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. چارۋىچىلىقتا قوي، كالا، ئات بېقىلىدۇ، دېھقانچىلىقتا كېۋەز، قىزىلچا ۋە مايلىق زىرائەتلەر تېرىلىدۇ.
قىرغىزلارنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە ئۇلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسى توغرىسدا ئالىملارنىڭ قاراشلىرى تېخى بىرلىككە كەلمىدى. قىرغىزلارنىڭ ئەجدادلىرى خەنزۇ تارىخنامىلىرىدا <گېكۇنلار>، <جيەنكۇنلار>، <گېگۇلار>، <جىگاسلار> ياكى <خاككاسلار>، <بۇيرۇتلار> ياكى <بۇرۇتلار> (موڭغۇلچە تاغلىق كۆچمەنلەر مەنىسىدە) قاتارلىق كۆپ خىل ناملار بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن.
قىرغىزلارنىڭ چارۋىچىلىرى سۈت مەھسۇلاتلىرى بىلەن گۆش ۋە ئاشلىقتىن قىلىنغان يېمەكلىكلەرنى ئاساس قىلىدۇ، دېھقانلىرى بۇغداي، گۈرۈچ، ئارپا قاتارلىق ئاشلىقتىن قىلىنغان يېمەكلىكلەرنى ئاساس قىلىدۇ. قىرغىزلارنىڭ قېزا، سۈرلەنگەن گۆش، ئاق ئاش (سۈت ئېشى)، بوغۇرساق، سۈت - قېتىق، قىمىز، سېرىق ماي ۋە قۇرۇتلىرى ئالاھىدە تەملىك كېلىدۇ.
قىرغىزلار ئۆزگىچە كىيىم - كېچەك مەدەنىيىتىگە ئىگە مىللەت. قىرغىز قىزلىرى چېچىنى ئۇششاق ئۆرىۋالىدۇ، ياتلىق بولغاندىن كېيىن ئىككى تال قىلىپ ئۆرۈيدۇ. قىرغىز ئاياللىرى ھالقا - زىرە، بىلەيزۈك، مارجان، كەھرىۋا قاتارلىق زىبۇ - زىننەت، خىلمۇ - خىل بېزەكلەرنى تاقاپ يۈرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ.
قىرغىزلارنىڭ توي مەرىكىسى ئادەتتە قىز تەرەپتە ئۆتكۈزىلىدۇ.
قىزغىزلاردا روزا ھېيت، قۇربان ھېيتتىن باشقا ئەڭ كاتتا بايرام كۆجە (نورۇز) بايرىمى بولۇپ، بۇ ئەمەلىيەتتە قىرغىزلارنىڭ ئۇزاق ۋاقىتتىن بېرى داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان يېڭى يىل بايرىمى ھېسابلىنىدۇ.
قىرغىزلار ھېيت - ئايەم ۋە چوڭ - چوڭ مەرىكە كۈنلىرى ئوغلارق تارتىشىش، <قىز قۇۋار> (قىز قوغلىشىش)، ئات ئۈستىدە تۇرۇپ كۈچ سىنىشىش، ئات ئۈستىدە تۇرۇپ يەردىن تەڭگە ئېلىش، بۇقىچىلاپ ئارقان تارتىشىش، ئۆكۈز كۆتۈرۈش، قارچىغا ۋە بۈركۈت سېلىش، چېلىشىش قاتارلىق كۆپ خىل ئەنئەنىۋى كۆڭۈل ئېچىش ۋە تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ.
قىرغىزلاردا دەپنە مۇراسىمى - مېيتنى ئۇزىتىش ئادەتلىرى ئاساسەن ئىسلام دىنى ئەھكامى بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ.
قىرغىزلار مول خەلق ئېغىز ئەدەبىيات مىراسلىرىغا ئىگە مىللەت. قىرغىزلارنىڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ئەپسانە، رىۋايەت، ئېپوس، بېيت - قوشاق قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە باتۇرلۇق ھەققىدىكى ئېپوس - <ماناس> ۋە <بېك - بېكە>، <قۇرمانبېك>، <ئېر توشتوك>، <جاڭىل مىرزا> قاتارلىق چۆچەكلىرى قىرغىز خەلقى ئىچىگە خېلى كەڭ تارالغان، بولۇپمۇ <ماناس> ھەجىمى ۋە قۇرۇلمىسى ئىنتايىن زور، مەزمۇنى مول، تىلى نەپىس قەھرىمانلىق ئېپوسى بولۇپ، ئۇنىڭدا قىرغىز خەلقىنىڭ تەخمىنەن مىلادى Ⅹ - Ⅹ[KG-*2]Ⅶ ئەسىرگىچە بولغان مەزگىلىدە، سەككىز ئەۋلاد ماناسلارنىڭ يات مىللەتلەرنىڭ زۇلىمىغا قارشى ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرى شېئىرىي تىل بىلەن بايان قىلىنىدۇ، جۈملىدىن قىرغىز خەلقىنىڭ قەدىمكى زاماندا موڭغۇل يايلىقىدىن تارتىپ ئوتتۇرا ئاسىياغىچە بېسىپ ئۆتكەن مۇساپىسىنىمۇ جانلىق ھالدا سۈرەتلەپ بېرىدۇ.
قىرغىزلار ئۆيىگە كەلگەن ئەزىز مېھمانلارغا ئاتاپ مال سويىدۇ، گۆش پىشقاندىن كېيىن قوينىڭ بېشىنى ياكى قۇيرىقىنى مېھمانغا سۇنىدۇ، مېھمان بىر كېسىم كېسىپ يېگەندىن كېيىن ئىككى كېسىن كېسىپ سورۇندىكى مويسىپىت ئاق ساقال كىشىگە سۇنىدۇ ھەمدە ئۆزلىرى ئىشلىگەن <بوزا> نى بېيت ئېيتىپ مېھمانغا سۇنىدۇ. ئومۇمەن قىرغىزلار ئۆيىگە كەلگەن مېھمانلارنى ئۆزلىرى ياخشى كۆرىدىغان سېرىق ماي، سۈت - قايماق، قۇرۇت، قەن گېزەكلەر بىلەن قىزغىن كۈتىۋالىدۇ.
قىرغىزلارنىڭ ئۆزگىچە پەرھىزلىرى بار. ئۇلار يات كىشلەرنىڭ توغرىدىنتوغرا ئىشىك ئالدىغا كېلىپ ئاتتىن چۈشۈشىنى ئېغىر ئالىدۇ، شۇڭا ئادەتتە ئات بىلەن ئۆي ياكى چېدىر ئەتراپىنى بىر ئايلىنىپ چىقىپ ئاندىن ئاتتىن چۈشۈپ ئۆيىگە كىرىدۇ.
قىرغىزلار باشقىلار ئالدىدا، كىشىگە قوپاللىق قىلىشنى، غەيۋەت - شىكايەت قىلىشنى، قوپال گەپ - سۆزلەرنى قىلىشنى ئېغىر ئالىدۇ.
قىرغىزلار داستىخان ئۈستىدە بۇرنىنى كوچىلاشنى، مىشقىرىشنى، يەرگە تۈكۈرۈشنى، تىرناق ئېلىشنى، يالاڭباشتاق غىزالىنىشنى يامان كۆرىدۇ.
قىرغىزلار، ھامىلدار ئاياللارنىڭ تۆگە، توشقان گۆشى يېيىشنى مەنئى قىلىدۇ، چۈنكى تۆگە گۆشى يېسە كۆزى يورۇش ۋاقتى ئۇزىراپ كېتىدۇ، بوۋاق توشقان كالپۇك بولۇپ قالىدۇ، دەپ قارايدۇ؛ قىرغىزلاردا تۇغۇتلۇق ئۆيگە يات كىشلەر كىرمەيدۇ.
قىرغىز ئاياللىرىدا بۆرىنىڭ ئوشۇقىنى تىلتۇمار قىلىپ ئېسىۋېلىش ئادىتى بار. قىرغىزلار ئاق ئۇننى ساپ، پاك، ساداقەتمەنلىكنىڭ سىمۋولى دەپ قارايدۇ. شۇڭا ئەزىز مېھمانلىرىغا ئۇن سېپىپ بەخت تىلەيدۇ.
قىرغىزلارنىڭ كەشتىچىلىك ۋە نەققاشچىلىق مىللىي قول ھۈنەر سەنئەت بۇيۇملىرى ئۆزگىچە نەپىس كېلىدۇ. بۇ خىل بۇيۇملار ئىچىدە ئىگەر، توقۇم، ئۆزەڭگە، ئات يوپۇقى قاتارلىق ئات جابدۇقلىرى؛ توشۇت، كۆشۈگە، زەدىۋال قاتارلىق ئۆي ئىچى بېزەكلىرى، شىرداق، تەكىيە - ياستۇق، ئورۇن - كۆرپە (پايانداز) قاتارلىق سېلىنچىلار، كەشتىلىك كۆڭلەك، جىلىتكە، ئاق كىگىز قالپاق، قۇلاقچا، تەقىيە قاتارلىق كىيىم - بېزەكلىرىنىڭ خېلىلا داڭقى بار. قىرغىز قىزلىرى كىچىكىدىن تارتىپلا كەشتىچىلىك ماھارىتىنى ئۆگىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ تويلۇق بىساتىنى تەييارلايدۇ.
قىرغىزلارنىڭ ناخشا، مۇزىكا ۋە ئۇسسۇللىرى قويۇق مىللىي پۇراققا ئىگە بولۇپ، چالغۇ ئەسۋابلىرى قومۇزنى ئاساس قىلغان ھالدا ئون نەچچە خىلغا يېتىپ بارىدۇ.