Uyghur主要词典
سۈت بېزى
بىئولوگىيە
ئېمىتكۈچى ھايۋانلاردا بولىدىغان سۈت ئاجرىتىپ چىقارغۇچى ئالاھىدە بەز بولۇپ، بىر خىل مۇرەككەپ نەيچىسىمان بەز تىپىغا كىرىدۇ. سىرتىنى ماي كۆپ بولغان بىرىكتۈرگۈچى توقۇلما ئوراپ تۇرىدۇ. شۇ توقۇلمىدىن چىققان نۇرغۇنلىغان ئوتتۇرا پاسىللار بەز توقۇلمىسىغا كىرىپ بەز توقۇلمىسىنى نۇرغۇنلىغان ياپراقچىلارغا بۆلىدۇ. بۇنداق ياپراقسىمان تۈزۈلۈشلەر يىغىلىپ ئەمچەكنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، ئەمچەك توپچىسىدىن ئېغىز ئاچىدۇ (ئۆردەك تۇمشۇق بۇنىڭ سىرتىدا). ئەمچەكنىڭ سانى ۋە ئورنى ئېمىتكۈچىلەرنىڭ تۈر - ئورۇقداشلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئەگىشىپ پەرقلىنىدۇ. سۈت بېزىنىڭ رولى سۈت شىرنىسى ئاجرىتىپ يېڭى تۇغۇلغان يۇمران تەننى ئېمىتىپ بېقىشتىن ئىبارەت. لېكىن بۇنداق ئاجرىتىش ئىقتىدارى ھەمدە سۈت بېزىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى جىنسىي گورمونلار ۋە گىپوفىز گورمونلىرىنىڭ تەڭشىشى ھەم كونترول قىلىشىغا ئۇچرايدۇ.