Uyghur主要词典
مىلان
دۇنيا تارىخى
(1854 - 1901) سېربىيە گېرتسوگى (مىلادى Ⅳ دەپ ئاتالغان، 1868 - 1882) ۋە كورۇلى (1882 - 1889) ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلىدە پادىشاھلىق مۇستەبىتلىك تۈزۈمنى كۈچەيتكەن. مەملىكەت ئىچىدىكى ئەكسىيەتچىل سىياسىي كۈچلەرگە تايىنىپ. لىبېراللار ۋە رادىكاللارغا قارشى كۈرەش ئېلىپ بارغان. 1875-يىلى پارلامېنتنى تارقىتىۋەتكەن، سىرتقا قارىتا تەۋەككۈلچىلىك سىياسەت ئىجرا قىلغان. 1876-يىلى تۈركىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلغان. روسىيە - تۈرەىيە ئۇرۇشىدىن كېيىن سېربىيە مۇستەقىللىككە ئېرىشكەن. 1881-يىلى ئاۋسترىيىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن، ئاۋسترىيە - ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى بىلەن سودا توختىمى ۋە مەخپىي كېلىشىم تۈزۈپ، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ئىگىلىك ھوقۇقىنى ساتقان. 1885-يىلى بۇلغارىيىگە ئۇرۇش قوزغاپ، مەغلۇپ بولغان. 1889-يىلى، ئىچكى زىددىيەتلەرنى پەسەيتىش، خاندانلىقنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، تەختىنى ئوغلى ئالېكساندرغا بوشىتىپ بېرىپ، پارىژغا كېتىشكە مەجبۇر بولغان. 1897-يىلى ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ سېربىيە قوشۇنىنىڭ باش قوماندانى بولغان. 1900-يىلى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىپ ۋېناغا كەتكەن.