—参考资料
»ھاۋا تەڭشىگۈچ« كىيىم
پەن - تېخنىكا دۇنياسى
بۇ خىل كىيىم ئېلىمىز رىۋايەتلىرىدىكى مەرۋايىت كىيىم ۋە ئوت ئەجدىھا كىيىمىگە ئوخشاش بولۇپ، يازدا سالقىن بولىدۇ، قىشقا سوغۇقتىن قورقمايدۇ. ئەگەر سىز ھاۋاسى ئىسسىق گۇاڭجۇدىن قاتتىق سوغۇق بولىدىغان خاربىنغا بارغۇچىلىك بۇ خىل كىيىمنى كىيىۋالسىڭىز، كىيىم ھاۋا رايىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن، تېمپېراتۇرىنى ئۆزلۈكىدىن تەڭشەيدۇ.
بۇ خىل ئەپچىل كىيىم بىر خىل ئالاھىدە بىر تەرەپ قىلىنغان رەختتىن تەييارلىنىدۇ، ئۇ تېمپېراتۇرىنى ئادەم راھەتلىنىش دائىرىسىدە تىزگىنلەيدۇ، ئۇ ئېلېكترون تىپىدىكى ۋە كرىستال تالا تىپىدىكى دەپ ئىككى خىل شەكىلدە لايىھىلىنىدۇ.
ئېلېكترون تىپىدىكى ھاۋا تەڭشىگۈچ كىيىملەر توك ئەدىيالىغا ئوخشاپ كېتىدۇ، بىراق ئۇنىڭدا تېمپېراتۇرىنى ئادەمنىڭ تەڭشىشى ھاجەتسىز. بۇ خىل رەختلەرگە ئېلېكتردە قىزىش، سوۋۇش ۋە شامال ئۆتكۈزۈش مىكرو ماتېرىياللىرى كىرگۈزۈلگەن، شۇنىڭدەك ئۇلاردا نۇرغۇن ئىنچىكە سېنزورلار بار، مىكرو ئۇچلار ئادەم بەدىنىگە تېگىپ، مىكرو تىپتىكى نۇرغۇن تېرمومېتىرلارغا ئوخشاش تېرىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى خاتىرىلەيدۇ. ئۇلار ئادەم راھەت ھېس قىلىدىغان تېمپېراتۇرا دائىرىسىدىن ھالقىغان ئەھۋالنى بايقىغان ھامان، تېمپېراتۇرىنى ئۆزلۈكىدىن تەڭشەيدۇ.
كرىستاللىق كىيىم ئىككى خىل ئالاھىدە بىرىكمە ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنغان تالادىن ئىشلىنىدۇ. ئېلاستىك كرىستال بىرىكمىلەر دەپ ئاتىلىدىغان بۇ ئىككى خىل بىرىكمە مۇھىتنىڭ ئىسسىق - سوغۇق بولۇشىغا ئەگىشىپ، ئۆزىنىڭ تىزىلىش قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىدۇ. مۇھىت تېمپېراتۇرىسى ئىسسىغاندا، كرىستال جىسىملار كۇب شەكلىگە كىرىدۇ ۋە ئىسسىقلىقنى سۈمۈرىدۇ؛ شۇ كۈنكى ھاۋا سوغۇققا ئۆزگەرسە، كرىستاللار ئەسلىدىكى كۋادرات كرىستال قۇرۇلمىسىغا قايتىدۇ. بۇنداق ئىككى خىل كرىستال ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنغان تالا ماتېرىياللىرى ئىسسىقلىقنى ساقلىيالايدۇ ۋە قويۇپ بېرەلەيدۇ، بىر تەرەپ قىلىنمىغان تالالارغا قارىغاندا2 دىن4 ھەسسىگىچە ئىسسىقلىقنى ئارتۇق سۈمۈرىدۇ. ئالىملار كۆپ تۆشۈكلۈك تالالارغا بۇ ئىككى خىل كرىستالنى تەتبىقلىدى، ئۇنى يەنە پاختا تالاسىنىڭ يۈز قىسمىغا ئىشلەتتى. بۇ تالالار ئىسسىق - سوغۇق ئۆزگىرىشىگە150 قېتىم ئۇچرىغاندىن كېيىنمۇ، كرىستال جىسىم يەنىلا ئوبدان خىزمەت قىلىدۇ، شۇڭا، بۇلاردىن تەييارلانغان كرىستال كىيىم جۇدۇنلۇق كۈنلەردىمۇ ئىسسىپ تۇرىدۇ؛ ئىسسىق ھاۋا يېتىپ كەلگەندە، كىيىم ئۆزلۈكىدىن سوۋۇيدۇ، مانا بۇ قىشتا ئىسسىق، يازدا سالقىن بولىدىغان «ھاۋا تەڭشىگۈچ» كىيىمدۇر.