Uyghur主要词典
ھەسرەت
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
غەم - غۇسسە، دەرد - ئەلەم؛ نادامەت، پۇشايمان، ئارمان، ھەسرەت، ئىشتىياق، ئىشىق ئوتىدا يېنىش، زارىقىپ كۆيۈش؛ سېغىنىش، مۇھەببەت، سۆيگۈ:
سارغارىپ خۇرشىد كۆكتە، يەردە گۇل يەپ ھەسرەتىڭ،
مۇنچە ھەم بولمىش ساڭا ھۇسن ئىچرە ئەي شەھبازلىق.
ئەرشى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئېچىنىشلىق ئۆكۈنچ.
ئاھ ئۇرارمەن، ئاھ ئۇرارمەن، ئاھلىرىم تۇتقاي سېنى، كۆز يېشىم دەريا بولۇپ، بېلىقلىرىم يۇتقاي سېنى. ھەسرەت چەككەندىن مۇشت كۆتۈرگەن ئەلا. تەبىئەتتىن غۇرۇر كۆتۈرسە باش، ساپ دىلغىمۇ نادامەت بولغاي يولداش. ئارمىنى يوق ياش، ھەسرىتى يوق قېرى يوق. ئارمان يوق. دەرمان يوق. تېرىغان خامان قىلار، تېرىمىغان ئارمان.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
روھەن ۋە جىسمانەن قاتتىق قىينىلىش تۇيغۇسى.
قايغۇڭ دېڭىزدەك بولسىمۇ، جاسارىتىڭ بولسا ئۆتىسە. بىز شادلىق يولىدا كۈرەشتۇق، شادلىق يولىدا ئۆلىمىز. شۇڭا بىزنىڭ ئىشىمىزغا قايغۇ - ھەسىرەت ئارىلىشىپ قالمىسۇن. ھەسرەت رەھىم قىلار. بىر دەملىك ئاچچىققا سەۋرى قىلساڭ، بىر ئايلىق ئازاب - ئوقۇبەتتىن خالىي بولىسەن. پۇلى ئازنىڭ غېمى ئاز. ئادەمنى غەم يەيدۇ، تۆمۈرنى نەم.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
روھىي ئازاب، غەم - قايغۇ، دەرد - ئەلەم.
ھەسرەت چەكمەك.