Uyghur主要词典
ئالاھىدە جېسەكچىلەر قوشۇنى
دۇنيا تارىخى
چاۋشيەن كورىيە سۇلالىسىنىڭ بىر خىل ئارمىيە تۈزۈمى. ئۇ، ئوڭ قول ۋە سول قول كېچىلىك ئالاھىدە جېسەكچى ۋە خىسلەتلىك ئالاھىدە جېسەكچىلەردىن ئىبارەت ئۈچ تارماقتىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، بۇلارنى قوشۇپ ئۈچ ئالاھىدە جېسەكچىلەر قوشۇنى دەپ ئاتالغان. ئالاھىدە جېسەكچىلەر ئەسلىدە ئۇرۇش مەزگىلىدە باتۇر چەۋەندازلاردىن تاللىنىپ تەشكىللەنگەن ۋاقىتلىق قوشۇن. گاۋزۇڭ دەۋرىدە (1214 - 1259، تەختتە ئولتۇرغان) زالىم ۋەزىر سوييو كەيچىڭ (ھازىرقى كائىسوڭ) نىڭ ئامانلىقىنى ساقلاش باھانىسى بىلەن كېچىلىك ئالاھىدە جېسەكچى قۇرۇپ، كېچىلىك مۇھاپىزەت ۋەزىپىسىنى يۈكلىگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن تەدرىجىي كېڭىيىپ ئوڭ ۋە سول دەپ ئىككى كېچىلىك ئالاھىدە جېسەكچىلەرگە بۆلگەن. موڭغۇللار تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندە خان جەمەتى كاڭخا ئارىلىغا قېچىپ بېرىۋالغان. ئۇ يەردە يەنە موڭغۇل ئەسكەرلىرىگە ئەسىرگە چۈشۈپ، كاڭخا ئارىلىغا قېچىپ بېرىۋالغان ئەسكەرلەردىن خىسلەتلىك ئالاھىدە جېسەكچىلەرنى تەشكىللىگەن، بۇنىڭ بىلەن ئۈچ ئالاھىدە جېسەكچىلەر قوشۇنى بارلىققا كەلگەن ھەمدە كاڭخا ئارىلىنى مۇداپىئە قىلىش ۋە موڭغۇل ئارمىيىسى بىلەن جەڭ قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان. 1258-يىلى (گاۋزۇڭنىڭ 45-يىلى) سۈي جەمەتى ھاكىمىيىتى گۇم بولۇپ، ئۇنىڭ خۇسۇسىي قوشۇنىمۇ يىمىرىلگەن. ئۈچ ئالاھىدە جېسەكچىلەر يەنىلا كاڭخا ئارىلىدا تۇرۇشلۇق بىردىنبىر دائىمىي ئارمىيە بولۇپ قالغان. 1270-يىلى (يۈەنزۇڭنىڭ 11-يىلى) كورىيە پادىشاھ جەمەتى موڭغۇللارغا تەسلىم بولغان ھەمدە كاڭخا ئارىلىنى ۋەيران قىلىپ، پايختەخ كەيچىڭغا قايتىشقان. ئۈچ ئالاھىدە جېسەكچىلەر قوشۇنى پادىشاھقا ئەگىشىپ كاڭخا ئارىلىدىن كېتىشنى خالىمىغان. بۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئۇلارنى تارقىتىۋېتىشكە بۇيرۇغان. ئۈچ ئالاھىدە جېسەكچىلەر قوشۇنى بۇيرۇققا ئىتائەت قىلماي سەردار بى جۇڭشۈن ۋە كېچىلىك ئالاھىدە جېسەكچىلەر قوشۇنىنىڭ قوماندانى لويڭشى قاتارلىقلارنىڭ قوماندانلىقى ئاستىدا قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن ھەمدە پادىشاھ جەمەتىدىن بولغان چىڭخۇا بېگى ۋاڭۋىننى پادىشاھ قىلىپ تىكلىگەن ھەمدە چوللانامدو ۋىلايىتىنىڭ جىنداۋ ئارىلىغا يۆتكىلىپ موڭغۇللار ۋە كورىيە پادىشاھلىقىنىڭ فېئودال ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرغان. دېڭىز قاتنىشىنى تىزگىنلەپ ئاشلىق يۆتكەۋاتقان ھۆكۈمەت كېمىلىرىگە زەربە بېرىپ، دېڭىز ياقىسى رايونلارغا ھۇجۇم قىلغان. جەنۇبتىكى دېھقانلارمۇ قوزغىلاڭغا ئاۋاز قوشقان. 1271-يىلى (يۈەنزۇڭنىڭ 12-يىلى) موڭغۇل ئارمىيىسى بىلەن كورىيە ئارمىيىسى بىرلىشىپ، جىنداۋ ئارىلىغا ھۇجۇم قىلغان. ئۈچ ئالاھىدە جېسەكچىلەر دەنلا (چېچوداۋ ئارىلى) غا يۆتكىلىپ، جىن جىڭتۇڭنىڭ قوماندانلىقىدا جەنۇب تەرەپ دېڭىز بويى رايونلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ تۇرغان. 1273-يىلى (يۈەنزۇڭنىڭ 14-يىلى) موڭغۇل ئارمىيىسى بىلەن كورىيە ئارمىيىسى ھۇجۇم بىلەن دەنلانى ئالان. جىن جىڭتۇڭ قاتارلىق كىشىلەر خەننوسان تېغىغا قېچىپ بېرىپ، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان. ئۈچ ئالاھىدە جېسەكچىلەر قوشۇنىمۇ تارقىلىپ كەتكەن.