Uyghur主要词典
زابىت
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
زەبت ئەتكۈچى، ئىدارە قىلغۇچى، باشقۇرغۇچى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
بوي سۇندۇرغۇچى، قولغا كەلتۈرگۈچى؛ بېسىپ ئالغۇچى؛ ئۆزلەشتۈرگۈچى (دەرسنى)؛ ئەپىتسەر، قۇر بېشى، قۇرچى، ئەسكەر باشلىقى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مۈلكى ياكى ھەربىي - ساقچى ئورۇنلاردا يۇقىرى مەنسەپ تۇتقان شەخس.
<زابىت> ساقچى ئەمەلدار.
<ئوفىتسېر> ھەربىي ئەمەلدار.
مەنسەپداردىن مەنپەئەت تەگمەس. نەپسى يامان ئەمەلدارنىڭ پارا يېمەيدىغىنى يوق. ھۆكۈمەت مەمۇرلىرى پاك، ئادىل بولۇشى كېرەك. ساقچى زابىت ساقچىلارنى تەرتىپ ساقلاشقا بۇيرۇدى. ئازادلىق ئارمىيىدە ئوفىتسېر بىلەن ئەسكەر بىرلىكى يولغا قويۇلغان.