Uyghur主要词典
ماھان
دۇنيا تارىخى
(1840 - 1914). ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنڭ ئوفىتسېرى، تارىخشۇناس. 1859-يىلى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە شۆيۈەنىنى پۈتتۈرگەن. جەنۇب بىلەن شىمال ئۇرۇشى مەزگىلىدە، قوشما شتاتلاردېڭىز ئارمىيىسىدە خىزمەت ئۆتىگەن، رود - ئايلېند يېڭى پورتى دېڭىز ئارمىيە ھەربىي شۆيۈەنىنىڭ يۈەنجاڭى، <چىكاگو> نملىق پاراخوتنىڭ باشلىقى بولغان. 1898-يىلدىكى ئامېرىكا - ئىسپانىيە ئۇرۇشى مەزگىلىدە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ئۇرۇش قىلىش ئىدارىسىدە ئىشلىگەن. 1902-يىلى ئامنېرىكا تارىخ ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان. 1906-يىلى دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ غەيرىي خىزمەتتىكى گېنېرال مايرولىقىغا كۆتۈرۈلگەن. دېڭىز - ئوكياننىڭ تارىخ تەرەققىياتىدىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى شەرھلەشكە، دېڭىزنى كونترول قىلىش ھوقۇقىنىڭ ھەربىي ئىشلار، مىللەت، تېررىتورىيە ۋە سودا قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەسىرىنى تەھلىل قىلىشقا بېرىلىپ كەتكەن. غەربتىكىلەر ئۇنى دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ستراتېگىيىلىك مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىدىغان نوپۇز دەپ ئېتىراپ قىلغان. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرى ئىچىدە: <دېڭىزنى كونترول قىلىش ھوقۇقىنىڭ تارىختىكى تەسىرى، 1660 - 1783>، <دېڭىزنى كونترول قىلىش ھوقۇقىنىڭ فرانسىيىنىڭ بۈيۈك ئىنقىلابىغا ۋە ئىمپېرىيىگە بولغان تەسىرى، 1793 - 1812>، <دېڭىزنى كونترول قىلىش ھوقۇقى بىلەن 1812-يىلدىكى ئۇرۇشنىڭ مۇناسىۋىتى> قاتارلىقلار بار. بۇ كىتابلار غەربتە ئىنتايىن كەڭ تارقىتىلغان بولۇپ، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئىلگىرىكى كۈچلۈك دۆلەتلەردىكى دېڭىز ئارمىيىلىرىنىڭ ھەربىي ھازىرلىق جەھەتتىكى رىقابىتىنى كەسكىنلەشتۈرگەن.