Uyghur主要词典
لوندون ئەھدىنامىسى
دۇنيا تارىخى
(1) گرېتسىيە مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى مەزگىلىدە، 1827 - يىل 7 - ئاينىڭ 6 - كۈنى روسىيە، ئەنگلىيە ۋە فرانسىيە ۋەكىللىرى لوندوندا ئىمزالىغان ئەھدىنامە. ئەھدىنامىگە ئاساسەن، ئۈچ دۆلەت بىللە ھەرىكەت قىلىپ، تۈركىيەنى، گرېتسىيەنى قوراللىق باستۇرۇشنى توختىتىشقا ھەمدە تۈركىيەگە ھەر يىلى ئولپان تاپشۇرۇش شەرتى ئاستىدا، گرېتسىيەگە ئاپتونومىيە بېرىشكە مەجبور قىلغان. قوشۇمچە مەخپىي ماددىلىرىدا سۇلتان ھەمكارلاشمىغان ئەھۋال ئاستىدا، ئەھدىنامە تۈزۈشكەن دۆلەتلەر قورال كۈچى ئارقىلىق ئىككى تەرەپنى ئۇرۇش توختىتىشقا مەجبور قىلىش بەلگىلەنگەن. كېيىن تۈركىيە ئۈچ دۆلەت ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپنى قوبۇل قىلىشتىن باش تارتقانلىقتىن، روسىيە، ئەنگلىيە، فرانسىيە بىرلەشمە فلوتى 1827 - يىل 10 - ئاينىڭ 20 - كۈنى قوزغىغان ناۋارىنو (ھازىرقى پلوس، پېلوپونېس يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا) دىكى دېڭىز ئۇرۇشىدا تۈركىيە فلوتىنى پۈتۈنلەي يوقاتقان. (2) قارا دېڭىز بوغۇزى (يەنى بوسفور بوغۇزى ۋە داردانىل بوغۇزى) نى باشقۇرۇش توغرىسىدىكى خەلقئارا ئەھدىنامە. روسىيە، ئەنگلاىيە، ئاۋسترىيە، پروسسىيە، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى 1841 - يىل 7 - ئاينىڭ 13 - كۈنى لوندوندا ئىمزالىغان. ئۇنىڭدا، تۈركىيە تىنچلىق مەزگىلىدە دېڭىز بوغۇزىدىن چەت ئەل ھەربىي كېمىلىرىنى ئۆتكۈزمەيدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. ئەھدىنامە روسىيە بىلەن ياۋرۇپادىكى باشقا چوڭ دۆلەتلەرنىڭ قارا دېڭىز بوغۇزىنى تالىشىش كۈرىشىنى كەسكىنلەشتۈرۋەتكەن. (3) ئەنگلىيە - فرانسىيە ۋە ئىسپانىيەنىڭ مېكسىكىغا قوراللىق مۇداخىلە يۈرگۈزۈش توغرىسىدىكى شەرتنامىسى. 1861 - يىل 10 - ئاينىڭ 30 - كۈنى لوندوندا ئىمزالانغان. بۇنىڭدا ئەھدىنامە تۈزۈشكەن دۆلەتلەر مېكسىكا دېڭىز بويى رايونلىرىدىكى مۇداپىئە پونكىتلىرىنى ئىگىلىۋېلىش ھەمدە بۇ دۆلەتنىڭ قانۇنىي ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئۈچۈن، مېكسىكىنىڭ دېڭىز بويىغا قۇرۇقلۇق، دېڭىز ئارمىيىلىرى ئارىلاشما كۈچىنى ئەۋەتىش بەلگىلەنگەن. 1862 - يىلى ئىسپانىيە ۋە ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە ئوتتۇرىسىدا ئېغىر ئىختىلاپ پەيدا بولغانلىقتىن بۇلار ئىلگىرى - كېيىن بىرلەشمە مۇداخىلىدىن چېكىنىپ چىققان.