English→Uyghur主要词典
Miaonationality
دۇنيادىكى مىللەتلەر
مياۋزۇلار
مىياۋزۇلار ئېلىمىزنىڭ غەربىي جەنۇبىي رايونىدا ياشىغۇچى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى. ئۇلار ئۆزىنى <مۇلە>، <ماۋلە> دېگەن نام بىلەن؛ بەزى جايلاردىكىلىرى <گىناۋ>، <گوشىيوڭ> ۋە <دەيسۇ> قاتارلىق ناملار بىلەن ئاتايدۇ. مىياۋزۇلارنىڭ تارقىلىشى كەڭ، كىيىم - كېچەك، تۇرار جاي قاتارلىق جەھەتتە ئۆزئارا ئوخشاش بولماسلىقىغا قاراپ، كىشلەر ئۇلارنى <قىزىل مياۋلار>، <قارا مىياۋلار>، <ئۇزۇن يوپكىلىق مياۋلار>، <قىسقا يوپكىلىق مياۋلار>، <تاغلىق مياۋلار> دەپمۇ ئاتىغانىدى. ئازاتىلىقتىن كېيىن بىرلەشتۈرۈلۈپ مياۋ مىللىتى دەپ ئاتاش بەلگىلەندى. ئاھالىسىنىڭ 76 پىرسەنتى ئېلىمىزنىڭ گۇيجۇ (%54)، خۇنەن (%61)، يۈننەن (%17) ئۆلكىلىرىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. قالغان قىسمى سىچۈەن، خۇبېي، گۇاڭدۇڭ ۋە گۇاڭشى جۇڭزۇ ئاپتونۇم رايونى قاتارلىق ئۆلكە (رايون) لارغا تارقاق ئولتۇراقلاشقان. ئومۇمىي نوپۇسى 7 مىليون 398 مىڭ. بۇنىڭدىن باشقا ۋېيتنام، لائوس، تايلاند، بىرما، ھىندىستان، ئامېرىكا قاتارلىق ئەللەردىمۇ مياۋزۇلار بار.
مىياۋزۇلار تىل جەھەتتە خەنزۇ - تىبەت تىللىرى سىستېمىسى مياۋ - ياۋ تىللىرى گۇرۇپپىسى مياۋ تىلى تارمىقىغا تەۋە مياۋ تىلىنىڭ ئۈچ چوڭ دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ. بىراق خېلى كۆپ مياۋزۇ زىيالىيلىرى ھېلىمۇ خەنزۇ يېزىقىنى ئىشلىتىدۇ.
مياۋزۇلار ئاھالىسىنىڭ كۆپى كۆپ ئىلاھقا ۋە جىن ئالۋاستىلارغا، داخانلارغا چوقۇنىدۇ. ئاز قىسمى خرستىئان ياكى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.
مىياۋزۇلار دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلغان ھالدا ئورمانچىلىق، قول ھۈنەرۋەنچىلىك قاتارلىق كۆپ خىل ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
مياۋزۇلار ئۇزاق تارىخقا ئىگە قەدىمىي مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى بۇنىڭدىن 4000 يىل بۇرۇنلا خۇاڭخې دەرياسى ۋادىلىرىدىن تارتىپ چاڭجىياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىمىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا يەنى ھازىرقى خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ غەربىي جەنۇبىي ۋە گۇيجۇ ئۆلىكىسىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى رايونلاردا ئولتۇراقلاشقان <بەش ئېقىن مەرچىلىرى> بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار ئۇرۇش مالىمانچىلىقى تۈپەيلىدىن ئۈزلۈكسىز كۆچۈپ، ھازىرقى قىسمەن توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىش، كۆپىنچىلىرى تارقاق ئولتۇراقلىشىشتەك ئەھۋال شەكىللەنگەن.
مياۋزۇلاردا نىكاھ ئەركىن بولۇپ، قىز - يىگىتلەرنىڭ مۇھەببەتلىشىشى ئۈچۈن ئالاھىدە شارائىت ۋە سورۇن ھازىرلاپ بېرىلىدۇ، بىىراق نىكاھتىن بۇرۇن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشقا مۇتلەق يول قويۇلمايدۇ. كىم نىكاھتىن ئايرىلىشنى تەلەپ قىلسا، شۇ توي راسخۇتىنى تۆلەپ بېرىدۇ.
مياۋزۇلار دەپنە ئىشلىرىدا كۆيدۈرۈپ دەپنە قىلىش، يەرگە دەپنە قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ. ياتلىق بولمىغان قىزلارنى مېيتنى دەپنە قىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتۇرمايدۇ.
مياۋزۇلارنىڭ ھېيت - بايراملىرى ئەڭ كۆپ بولۇپ، گۇيجۇنىڭ ئۆزىدىلا 70 نەچچە خىلغا، باشقا جايدىكىلىرى بىلەن قوشۇپ ھېسابلىغاندا 120 نەچچە خىلغا يېتىپ بارىدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدە ئاساسلىقى مياۋزۇ چاغىنى، 8 - ئاپرىل بايرىمى، ئەجدىھا كېمىسى بايرىمى، <ھەمشىرىلەر بايرىمى>، گۈل - چېچەكلىك تاغ سەيلە بايرىمى، يېڭىلىق تەم تېتىش بايرىمى، كۈز قوغلاش بايرىمى، قومۇش نەي بايرىمى، ئات سوقۇشتۇرۇش بايرىمى، دۇئا - تىلاۋەت بايرىمى قاتارلىق ھېيت - بايراملىرى بار.
مياۋزۇلار چوڭلارنى ھۈرمەتلەش ئەنئەنىسىگە ئىگە بولۇپ، ئادەتتە چوڭلار كەلمىگىچە تاماق يېمەيدۇ، چوڭلار ئالدىدا ھاراق ئىچمەيدۇ، تاماكا چەكمەيدۇ، چوڭلارنىڭ پۇت - قوللىرىنى يۇيۇپ قويىدۇ.
مياۋزۇلار ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات داۋامىدا مول خەلق ئەدەبىياتى مىراسلىرىنى ياراتقان. ئۇلارنىڭ ئىچىدە نەزمە شەكلىدىكى ناخشا - قوشاقلار بىر قەدەر گەۋدىلىك. بولۇپمۇ مياۋزۇلارنىڭ <ئەلمىساق غەزەللىرى>، <پەنگۇ ھەققىدە قوشاق> ناملىق ئېپوسلىرى ۋە <جاڭ شيۇمېي ناخشىلىرى> ناملىق داستانى مەشھۇر بولۇپ مياۋزۇ خەلقى ئىچىگە كەڭ تارقالغان.
مياۋزۇلارنىڭ ئەنئەنىۋى كۆڭۈل ئېچىش ۋە تەنتەربىيە پائالىيىتىدىن گۈللۈك خادىغا يامىشىپ چىقىش، ئۆكۈز ئۈسۈشتۈرۈش، گۈلەڭگۈچ ئۇچۇرۇش، نۇر ئويناش، ئات بەيگسى، ئەجدەرھا كېمىسى مۇسابىقىسى، چېلىشىش مۇسابىقىسى قاتارلىقلار بار.
مياۋزۇلار چاغاننىڭ بىرىنچى كۈنى يەر سۈپۈرمەيدۇ، ھويلا - ئاراملارغا سۇ سەپمەيدۇ، قۇدۇق ئەتراپىدا كىر - قات يۇيۇشنى مەنئى قىلىدۇ، يېزا - كەنىت ئەتىراپىدىكى دەل - دەرەخلەرنى كەسمەيدۇ، ئۇچار - قاناتلارنى ئوۋلىمايدۇ.
مياۋزۇلار قومۇش نەينى ئۇلۇغ بىلىدۇ، شۇڭا چاغان ۋە باشقا ھېيت - بايرام خاتىرە كۈنلەردىن باشقا چاغلاردا قومۇش نەي چېلىشتىن ھزەر ئەيلەيدۇ.