Uyghur主要词典
تىلىمەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئېرىشمەكنى كۈتمەك.
ئارزۇلاپ تېرىغان چىلگىنىڭ باش بۇرنىنى ئىت يېدى. ئۆزگىگە ئۆلۈم تىلىگۈچە، ئۆزۈڭگە ئۆمۈر تىلە. مېنىڭ ئىدى، سېنىڭ بولدى، تىلىۋېدىم، دورا بولدى. شەرىئەت كۆتۈرگەن يۈكنىڭ ئېغىرلىقى بولماس. ئۈمىد قىلساڭ، ئۇتىسەن.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر تەلەپ بىلەن ئىلتىماس قىلماق.
سوراپ - سوراپ بولار دانىشمەن. ھەر ئارزۇغا يېتىدۇ جەزمەن. بىلىم لازىم بولسا سورا. ئۆزىنى سورىغان قازىنىڭ ئالدىغا بارماپتۇ. خەقتىن ئۆتۈنگۈچە، يەردىن ئۆتۈن. كۆكتىن تىلىگىنىمنى يەردىن تاپتىم.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
مەلۇم بىر ئىشنىڭ بولۇشىنى ئۈمىد قىلماق، ئارزۇ قىلماق؛ ئارزۇ ۋە ئۈمىدىنى ئىپادىلىمەك.
ياخشىلىق تىلىمەك. ئاق يول تىلىمەك.
بىرەر ئېھتىياج بىلەن بىراۋغا مۇراجىئەت قىلماق، سورىماق.
تازغا تارغاق بەرسە يىلىم تىلەيدۇ (ماقال).
تىلەمچىلىك قىلماق.
ئۇ قورسىقى ئاچسا، نان تىلەپ يېدى.
مەلۇم يامان ئىشنى ياكى شۇنداق ئىشنى قىلغۇچىنى كەچۈرۈم قىلىش، ئەپۇ قىلىشنى تەلەپ قىلماق.
ئەخمەت ئاكام ئوغلىنى ئۇرغان چوڭ بالىنى يوغان تاياق بىلەن ئۇرۇشقا باشلىغاندا يولدىن ئۆتۈۋاتقان بىر كىشى ئۇ بالىنى تىلىۋالدى.