Uyghur主要词典
كاتايا دەرىخى
بىئولوگىيە
قارىغاي ئائىلىسىگە كىرىدۇ. دائىم يېشىل تۇرىدىغان دەرەخ، قوۋزىقى رەتسىز پارچىلارغا يېرىلىدۇ. ئۇزۇن شېخى ئەتراپقا تەكشى يېيىلىدۇ، قىسقا شېخى توم بولۇپ ئاستا ئۆسىدۇ، شېخى سارغۇچ قوڭۇررەڭ بولۇپ زىچ ئۆسكەن سېرىق رەڭلىك قىسقا تۈكچىلەر قاپلاپ تۇرىدۇ. شېخىدىكى تۈكچىلەر تەدرىجىي يوقاپ كېتىدۇ، يوپۇرمىقى بۇرمىسىمان تىزىلىپ نۇرسىمان يېيىلىدۇ؛ يوپۇرمىقى قىسقا شېخىنىڭ بىر يېنىدا توپلىشىپ ئۆسىدۇ. يوپۇرمىقىنىڭ شەكلى يىپسىمان بولۇپ، تۈۋى تەدرىجىي تارلىشىپ ساپقا ئايلىنىدۇ، تۆۋەنكى تەرىپىدە ئىككى تال ئاق رەڭلىك ھاۋا تۆشۈك بەلبېغى بولىدۇ. ئانىلىق، ئاتىلىقى بىر تۈپتە بولىدۇ، بىراق ئاتىلىق، ئانىلىق شارچە گۈلى ئايرىم - ئايرىم ھالدا يېشى ئوخشاش بولمىغان شاختا ئۆسىدۇ. ئاتىلىق شارچە گۈلى بىرئاز چوڭ بولۇپ، دەسلەپ تىك ئۆسىدۇ، ئۇزۇن ئېللپىسسىمان بولىدۇ، كېيىن تۆۋەنگە باشاقسىمان ساڭگىلايدۇ، ئاتىلىقى كۆپ بولۇپ بۇرمىسىمان تىزىلىپ ئۆسىدۇ. ئانىلىق شارچە گۈلى بىرئاز كىچىك بولۇپ، تىك ئۆسىدۇ. شەكلى تۇخۇم شەكلىگە يېقىنراق كېلىدۇ، يېڭى شاخنىڭ تۆۋەن تەرىپىدە ئۆسىدۇ، تۈگۈن تەڭگىچىسى كۆپ بولۇپ بۇرمىسىمان ئۆسىدۇ، تۈگۈن تەڭگىچىسىنىڭ قورساق تەرەپ تۈۋىدە ئىككى دانە تۆرەلمە تۈگۈنى بولىدۇ، ئۇرۇقلانغاندىن كېيىن تۈگۈن تەڭگىچىسى يېتىلىپ ئۇرۇق تەڭگىچىسىگە ئايلىنىدۇ. شارچە مېۋىسىنىڭ شەكلى تۇخۇم شەكلىگە يېقىنراق بولۇپ، ئۇرۇق تەڭگىچىسى كاھىشسىمان چىڭ چاپلىشىپ تۇرىدۇ. ئۇرۇق تەڭگىچىسى يۇمىلاقراق، قېلىن قاتتىق بولۇپ، دۈمبە تەرىپىدە ئۇزۇنىسىغا يولچىلار بولىدۇ، يۇمشاق تەكچىلەر قاپلاپ تۇرىدۇ. ئۇرۇقى تەتۈر تۇخۇمسىمان بولۇپ ئۇرۇق قانىتى ئاسان تۆكۈلۈپ كېتىدۇ. گۇاڭشى، خۇنەن، سىچۈەن، گۇيجۇ قاتارلىق ئۆلكىلەردىن چىقىدۇ. كۆپىنچە دېڭىز يۈزىدىن 1400 - 1800 مېتىر ئېگىزلىكتىكى تاغ ئۇمۇرتقىسى بەلباغلىرىدا ئۆسىدۇ، ھالبۇكى خۇنەننىڭ خۇيشەندىكى كاتايا دەرىخى دېڭىز يۈزىدىن 600 مېتىر ئېگىز ئورۇندا ئۆسىدۇ. ياغاچ ماتېرىيالى قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىلىدۇ؛ دەرەخ قىياپىتى گۈزەل بولغاچقا مەنزىرە ئۆسۈملۈكى قىلىنىدۇ. كاتايا دەرىخى جۇڭگودا ئالاھىدە بولىدىغان ئۇرۇقداش بولۇپ، پەقەت بىرلا تۈۋى بار، ئۇ ئەتىۋارلىق ئاز ئۇچرايدىغان دەرەخ، دۆلىتىمىز ئۇنى ئىككىنچى دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ئۆسۈملۈك قىلىپ بېكىتتى.