Uyghur→Chinese主要词典
گرېكوۋ
دۇنيا تارىخى
格列柯夫
gé liè kē fū
(1882 - 1953) سوۋېت ئىتتىپاقىلىق تارىخشۇناس. 1907 - يىلى موسكۋا داشۆسىنى پۈتتۈرگەن، كېيىن بۇ مەكتەپتە ئۇزاق ۋاقىت ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1935 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى بولغان. 1937 - يىلىدىن باشلاپ سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ تارىخ تەتقىقاتىغا رەھبەرلىك قىلغان ھەمدە 1947 - 1951 - يىللىرى سلاۋيانشۇناسلىق تەتقىقات ئورنىغا رەھبەرلىك قىلغان. دەسلەپ ئاساسەن نوۋگورودنىڭ ئىجتىمائىي تارىخى ۋە ئىقتىسادىي تارىخىنى تەتقىق قىلغان، يەنىمۇ ئىلگىرلەپ پراۋ سلاۋيانلار ۋە قەدىمكى رۇسلار دۆلىتى قۇللۇق تۈزۈمدىكى دۆلەت ئەمەس، پراۋوسلاۋيانلار قۇللۇق تۈزۈم باسقۇچىنى باشتىن كەچۈرمەي بىۋاستە فېئوداللىق جەمئىيەتكە كىرگەن دېگەن قاراشنى ئوتتۇرغا قويغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە غەرب سلاۋيانلىرى تارىخىنى، يۇگوسلاۋىيانلار تارىخىنى ۋە Ⅹ - ⅧⅩ ئەسىرلەردىكى رۇس، پولشا، لىتۋا دېھقانلىرىنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلغان. 1947 - يىلى پولشا پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى ۋە بۇلغارىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى بولۇپ سايلانغان ھەمدە پراگا داشۆسىنىڭ پەلسەپە دوكتۇرى دېگەن ئۇنۋانغا ئىگە بولغان. ئۇنىڭ ئاساسىي ئەسەرلىرى <كىيېۋ - روسىيە>، <كىيېۋ - رۇس مەدەنىيىتى>، <يىراق قەدىمكى زاماندىن ⅦⅩ ئەسىرگىچە بولغان رۇس دېھقانلىرى>. ئۇنىڭدىن باشقا باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ يازغان ئەسىرىدىن <قىپچاق خانلىقى> (ئىككىنچى نەشرىدە <قىپچاق خانلىقى ۋە ئۇنىڭ ھالاك بولۇشى> دەپ ئۆزگەرتىلگەن) بار. ئۇ يەنە <سوۋېت ئىتتىپاقى تارىخى> ۋە <قەدىمكى رۇس مەدەنىيىتى تارىخى> قاتارلىق ئالىي مەكتەپ دەرسلىكلىرىنىڭ باش مۇھەررىرى بولغان.