—参考资料
ئالەم كىيىمى
پەن - تېخنىكا دۇنياسى
ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئالەم بوشلۇقىدا خىزمەت قىلغاندا، يەر شارىدىكىگە ئوخشاش، خالىغىنىنى كىيەلمەيدۇ، ئۇلار ئالاھىدە ئىشلەنگەن كىيىم − ئالەم بوشلۇقى كىيىمىنى كىيىشى شەرت.
ئالەم كىيىمى كىيىم - كېچەك، كاسكا، پەلەي ۋە ئۆتۈكتىن ئىبارەت تۆت قىسىمدىن تۈزۈلىدۇ. كىيىم - كېچەك ئۈچ قىسىمدىن تۈزۈلىدۇ، ئۇنىڭ سىرتقى قەۋىتى مۇھاپىزەت كىيىمى بولۇپ، كۆيمەيدۇ، جىددىي تېمپېراتۇرا ئۆزگىرىشىگە ماسلىشالايدۇ، ئالەم بوشلۇقى نۇرىنىڭ بىۋاسىتە رادىئاتسىيىسىنى توسۇيالايدۇ ھەم ئالەم بوشلۇقىدىكى ئۇششاق مېتېئورىتلارنىڭ سوقۇلۇشىغا تاقابىل تۇرالايدۇ. ئوتتۇرىدىكى قەۋىتى ھاۋا توسۇش كىيىمى بولۇپ، ئۇنىڭدا ھەر كۋادرات سانتىمېتىردا25 .0 −1 كىلوگراملىق بېسىم كۈچى ھاسىل بولۇپ، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى بەدىنىنىڭ سىرتقا كېڭىيىشىنى توسىدۇ. كىيىمنىڭ ئىچكى قەۋىتى سۇدا سوۋۇيدىغان تىپتىكى ئىچ كىيىم بولۇپ، نىلون تالاسى قەۋىتىگە200 نەچچە مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى پولىۋىنىل خلورىد يۇمشاق نەيچىسى كىرگۈزۈلۈپ ياسىلىدۇ، بۇ ئۇششاق نەيچىلەرگە سوۋۇتۇش سۈيى كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، يۇمشاق نەيچە ئادەم بەدىنى بىلەن ئۇچرىشىپ، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەپ تۇرىدۇ.
كاسكا (دۇبۇلغا) سۈزۈك پولىكاربوناتتىن ياسىلىدۇ، ئۇ ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ بېشىنى قۇياشنىڭ ئۇلترا بىنەپشە نۇرى ۋە ئىنفرا قىزىل نۇرىنىڭ كۈچلۈك رادىئاتسىيىسىدىن قوغدايدۇ، كاسكىنىڭ ئىچىگە زەربىنى ئاجىزلاتقۇچ ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئادەم نەپەسلەنگەندىكى زەربىنى پەسەيتىدۇ.
ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ پەلىيى ئىسسىقلىققا، سۈركىلىشكە چىداملىق بولۇپ، پەلەي ئىچىدىكى بەلگىلىك بېسىم كۈچىنى ساقلىيالايدۇ. گەرچە ئۇنىڭ قەۋىتى ئىنتايىن كۆپ بولسىمۇ، ناھايىتى ئەپچىل ئىشلەنگەچكە، بارماقلارنى جانلىق ھەرىكەتلەندۈرگىلى بولىدۇ، ئۇ ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ تۈرلۈك ئىنچىكە مەشغۇلاتلارنى ئىشلىشىگە توسالغۇلۇق قىلمايدۇ. ئۆتۈكمۇ، پەلەيگە ئوخشاش، ئىسسىققا، سۈركىلىشكە چىداملىق بولۇپ، پۇتنى ئىنتايىن ياخشى مۇھاپىزەت قىلىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئالەم كىيىمىدە يەنە بەزى پەۋقۇلئاددە قۇرۇلمىلار بار. قالپاق ئىچىگە توقۇۋېتىلگەن خەۋەرلىشىش ۋە مىكرو تىپتىكى تىزگىنلەش قۇرۇلمىسى ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ خەۋەرلىشىشىگە ياردەم بېرىدۇ. ئالەم كىيىمىنىڭ دۈمبىسىدە ھاياتلىقنى كاپالەتلەندۈرۈش قۇرۇلمىسى بولۇپ، ئۇ ئوكسىگېن قاچىسى، تەڭشىگۈچ، سۇ ساندۇقىدىن تەركىب تاپىدۇ. بۇ خىل قۇرۇلمىنى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى كېمە سىرتىغا چىقىپ خىزمەت قىلغاندىلا ئىشلىتىدۇ.
ئالەم كىيىمى مۇشۇنداق مۇرەككەپ بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ پۈتۈش باھاسىمۇ ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ئاز دېگەندە2 مىليون ئامېرىكا دوللىرى كېتىدۇ!